شى جىنپىڭ سىلوۋاكىيە زۇڭتۇڭى پېللېگرىنى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2026-07-30 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن سىلوۋاكىيە زۇڭتۇڭى پېللېگرىنى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرشاۋ يىبو) 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن سىلوۋاكىيە زۇڭتۇڭى پېللېگرىنى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىلوۋاكىيە يېڭى جۇڭگو بىلەن ئەڭ بالدۇر دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، جۇڭگو - سىلوۋاكىيە دوستلۇق دەرىخى چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ باراقسان ئۆستى. 2024 - يىلى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈلدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشى سىجىل چوڭقۇرلاشتى، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. جۇڭگو تەرەپ سىلوۋاكىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئۆزئارا ھۆرمەتلەيدىغان - ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، باراۋەر بولغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، مۇقىم، مۇستەھكەم بولغان جۇڭگو - سىلوۋاكىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كېيىنكى باسقۇچتا ئىككى تەرەپ تۆت جەھەتتىكى خىزمەتنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلىسە بولىدۇ. بىرىنچى، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، قەتئىي ئۆزئارا قوللاش كېرەك. گەرچە جۇڭگو - سىلوۋاكىيە ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، دوستانە ھەمكارلىقتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى ئاساسىي مېلودىيەدە چىڭ تۇرۇش جۇڭگو - سىلوۋاكىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، تېز تەرەققىي قىلىشىدىكى ئاساس. جۇڭگو تەرەپ سىلوۋاكىيە تەرەپنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، داۋاملىق تۈردە سىلوۋاكىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرگە تولۇق ئېتىبار بېرىشنى خالايدۇ. ئىككىنچى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. سىلوۋاكىيە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ۋە جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىغا پائال قاتنىشىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىق كومىتېتى قاتارلىق مېخانىزملاردىن يەنىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى سىياسەت مەدىتى بىلەن تەمىنلەپ، پاكىز ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئىقتىساد، ماشىنا ئادەم ياسىمىچىلىقى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە ئالدىنقى سەپ ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق يېڭى يارقىن نۇقتىسىنى يارىتىشى كېرەك. ئۈچىنچى، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، ساياھەت، ياشلار، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشىگە قولايلىق يارىتىپ، ئىككى دۆلەت ياشلىرىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشىغا داۋاملىق ئىلھام بېرىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىش - ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش جەريانىدا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دوستلۇق ھاسىل قىلىشى كېرەك. تۆتىنچى، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغداپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى قول تۇتۇشۇپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى ھەم يېڭى مۇھىم پۇرسەتكە دۇچ كەلدى، يەنە نۇرغۇن خىرىس مەۋجۇت، خىرىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇش - ئايلاندۇرالماسلىقتىكى ئاچقۇچ باراۋەر كېڭىشىش، ئوخشاشلىقلارنى مۇجەسسەملەپ پەرقلەرنى تۈگىتىشتە. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ھەمراھى دەپ قارايدۇ، سەمىمىيەت ۋە ياخشى مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. سىلوۋاكىيە تەرەپنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىققەتنى جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى ئورتاق تونۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، زىددىيەت، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

پېللېگرىنى مۇنداق بىلدۈردى: سىلوۋاكىيە تەرەپ جۇڭگونىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈپ ھەم داۋاملاشتۇرۇپ يولغا قويۇپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئىقتىدارى كىشىنى قايىل قىلىدۇ، ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدۇ. سىلوۋاكىيە تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى قەدىرلەيدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىق يېڭى ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ئىقتىساد - سودا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رەقەملىك ئىقتىساد، ماشىنا ئادەم، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ سىلوۋاكىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، سىلوۋاكىيە تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقى - جۇڭگو ھەمكارلىقىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشنى خالايدۇ. سىلوۋاكىيە تەرەپ جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ۋە تەسىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە ئۇنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە خەلقئارا قانۇننى قوغداپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. سىلوۋاكىيە تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2026 - يىللىق دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىيەسى ۋە تەشەببۇسىنى تامامەن قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ماسلىشىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۇنى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ھەقىقىي بەخت يارىتىدىغان قىلىشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا پېللېگرىنى ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

پېللېگرىنى يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن سىلوۋاكىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. پېللېگرىنى شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇلى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

شۇ كۈنى چۈشتە، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا پېللېگرىنى ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.