يولداش جياڭ زېمىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

2026-08-19 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، يولداش جياڭ زېمىننىڭ پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئۆچمەس تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بەردى، يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئالىيجاناب خىسلىتىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشقا چاقىرىق قىلدى

لى چياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى

8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇلۇغ ماركسىزمچى، ئۇلۇغ پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون، ھەربىي ئالىم، دىپلومات، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ ئاتاقلىق رەھبىرى يولداش جياڭ زېمىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى

8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇلۇغ ماركسىزمچى، ئۇلۇغ پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون، ھەربىي ئالىم، دىپلومات، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ ئاتاقلىق رەھبىرى يولداش جياڭ زېمىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت 8 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇلۇغ ماركسىزمچى، ئۇلۇغ پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون، ھەربىي ئالىم، دىپلومات، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ ئاتاقلىق رەھبىرى يولداش جياڭ زېمىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسىنى چوڭقۇر ياد ئېتىپ، يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئالىيجاناب خىسلىتىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

خەلق سارىيىنىڭ چوڭ زالى ھەيۋەتلىك ۋە سۈرلۈك كەيپىياتقا چۆمگەنىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «يولداش جياڭ زېمىن تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى» دېگەن يىغىن لوزۇنكىسى ئېسىلغانىدى، ئارقا پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا يولداش جياڭ زېمىننىڭ چوڭ سۈرىتى، ئاستى تەرىپىگە «2026 - 1926» دېگەن رەقەم بەلگىسى ئېسىلغانىدى. 2 - قەۋەتتىكى كۆرۈش سۇپىسىغا «يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى!» دېگەن پىلاكات ئېسىلغانىدى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، يىغىن ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى.

شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش جياڭ زېمىننىڭ ھاياتى شانلىق ھايات، كۈرەشچان ھايات، ئۇ مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە دۆلەتنى بېيىتىش - قۇدرەت تاپتۇرۇش، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىدى، ئۆمۈرۋايەت كۈرەش قىلدى. ئۇ سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى قوغداش، ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى 21 - ئەسىرگە مۇۋەپپەقىيەتلىك سىلجىتىشقا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چىن قەلبتىن ھۆرمەتلىشىگە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 70 نەچچە يىللىق ئىنقىلابىي ھاياتىدا، بولۇپمۇ پارتىيە 13 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە، يولداش جياڭ زېمىن ماركسىزمچى سىياسىيونلارغا خاس ئاجايىپ تالانتى، ئاچقۇچلۇق رولى، رەھبەرلىك سەنئىتىنى تولۇق نامايان قىلىپ، بىزنىڭ مەڭگۈ ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدىغان، بىزنىڭ مەڭگۈ ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزگە ئىلھام بېرىدىغان ئالىيجاناب خىسلەتنى تىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش جياڭ زېمىن كوممۇنىزم غايىسىدىن قەتئىي تەۋرەنمىدى، پارتىيە ۋە خەلققە چەكسىز سادىق بولدى، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرى ئۈچۈن قەتئىي بوشاشماي كۈرەش قىلدى. بىز ئۇنىڭ ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم سىياسىي ئېتىقادىدىن ئۆگىنىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ماركسىزمغا بولغان ئېتىقاد، كوممۇنىزمغا بولغان ئەقىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇدرەتلىك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش جياڭ زېمىن باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تىنچ - ئامانلىقى، ھال - ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى ۋە خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولدى. بىز ئۇنىڭ سەمىمىي، چوڭقۇر خەلقچىل ھېسسىياتىدىن ئۆگىنىپ، ھاكىمىيەت خەلق دېمەكتۇر، خەلق ھاكىمىيەت دېمەكتۇر دېگەننى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتكارلىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىپ، خەلققە تايىنىپ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشقا قاراپ پۇختا قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش جياڭ زېمىن ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپى ۋە ئەمەلىيەتنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ھەم باشقا ھەرقايسى جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتتى. بىز ئۇنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان يېڭىلىق يارىتىش روھىدىن ئۆگىنىپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىشىمىز كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يولداش جياڭ زېمىننىڭ نەزەر دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىنى، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ئومۇملۇقىنى چىقىش قىلىپ مەسىلىلەرنى كۆزىتىش ۋە پىكىر يۈرگۈزۈشكە ماھىر بولۇپ، دۇنياغا يۈزلەنگەن، كەلگۈسى كۆزلەنگەن بىر قاتار مۇھىم قارار، مۇھىم تەدبىرلەر ئارقىلىق پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. بىز ئۇنىڭ يىراقنى كۆزلەپ پۇختا پىلان تۈزىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرىدىن ئۆگىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇق ۋە دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش جياڭ زېمىن مۇھىم تارىخىي پەيت ۋە ئاچقۇچلۇق پەيتتە دادىل كەسكىن تەدبىر بەلگىلەپ، خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا سالماق تاقابىل تۇرۇپ، جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر ۋە توسالغۇلارنى قەتئىي يېڭىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كەڭ بوشلۇق ئاچتى، ياخشى مۇھىت ياراتتى. بىز ئۇنىڭ قەتئىي، كەسكىن بولغان قالتىس جاسارىتىدىن ئۆگىنىپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى تۇرغۇزۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قەيسەر كۈرەش قىلىش روھى، يۈكسەك كۈرەش قىلىش قابىلىيىتى بىلەن بوران - چاپقۇننىڭ، ھەتتا دەھشەتلىك بوران - چاپقۇننىڭ زور سىنىقىغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۇزاق مەزگىل تىرىشىش ئارقىلىق، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى گۈللەپ ياشنىدى، جۇڭگو زېمىنى تىنچ - ئىناق بولدى، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلاندى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىستىقبالى پارلاق بولۇپ، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن كۈرەش قىلىش ئارزۇسى قەدەممۇقەدەم رېئاللىققا ئايلانماقتا. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تېخىمۇ سەلتەنەتلىك گۈزەل سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشى كېرەك! (سۆزنىڭ تولۇق تېكىستى 2 - بەتتە)

لى چياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، يولداش جياڭ زېمىننىڭ شانلىق، كۈرەشچان ھاياتى ئەسلەپ ئۆتۈلدى، يولداش جياڭ زېمىننىڭ پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئۆچمەس تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بېرىلدى، يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئالىيجاناب خىسلىتى سىستېمىلىق يىغىنچاقلاندى، يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم سىياسىي ئېتىقادى، سەمىمىي، چوڭقۇر خەلقچىل ھېسسىياتى، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان يېڭىلىق يارىتىش روھى، يىراقنى كۆزلەپ پۇختا پىلان تۈزىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرى، قەتئىي، كەسكىن بولغان قالتىس جاسارىتىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش كېرەك، دەپ تەكىتلەندى. سۆز ئىنتايىن كۈچلۈك سىياسىۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە، بىز چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

يىغىن ھەيۋەتلىك «ئىنتېرناتسىيونال شېئىرى» ساداسى ئىچىدە ئاياغلاشتى.

يىغىنغا قاتناشقانلاردىن يەنە: ۋاڭ يى، يىن لى، شى تەيفېڭ، ليۇ گوجۇڭ، لى گەنجيې، لى شۇلېي، لى خۇڭجۇڭ، خې لىفېڭ، جاڭ گوچىڭ، چېن ۋېنچىڭ، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، لى لەنچىڭ، زېڭ چىڭخۇڭ، لى چاڭچۇن، خې گوچياڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى رەھبىرىي يولداشلار ۋە رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن يولداشلار بار.

مەركەز پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، بېيجىڭدىكى مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىرى، بېيجىڭدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، پېشقەدەم كادىرلار، پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى، يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى، ئىلگىرى يېنىدا خىزمەت قىلغان خادىملار ۋە يۇرتىنىڭ ۋەكىللىرى، جياڭ زېمىننىڭ ھاياتى ۋە ئىدىيەسى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 6000 كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىن باشلىنىشتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار يولداش جياڭ زېمىننىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم ئۇلار بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.