
شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېڭى دېھلىدا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 18 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىنىڭ 2 - باسقۇچلۇق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ كۈچىنى زورايتايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى

شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېڭى دېھلىدا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 18 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىنىڭ 2 - باسقۇچلۇق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ كۈچىنى زورايتايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. يىغىندىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، يېڭى دېھلى، 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى جۇڭفا، خەن مو) شۇ جاي ۋاقتى 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېڭى دېھلىدا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 18 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىنىڭ 2 - باسقۇچلۇق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ كۈچىنى زورايتايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، يەرشارىنىڭ جەنۇبى كوللېكتىپ قەد كۆتۈرۈپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاچقۇچلۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلار ئارقا - ئارقىدىن يۈزبېرىۋاتىدۇ. دۇنيانى مۇقىملاشتۇرۇش، ياخشىلاش ئۈچۈن، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى جەزمەن تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى كەڭ دۆلەتلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئىشلاردا ئاكتىپ، مۇقىم، ياخشىلىققا ئىنتىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەر خەلقئارا قانۇنچىللىقنى ئورتاق قوغداپ، ئىگىلىك ھوقۇقى باراۋەر بولۇش، ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق، تالاش - تارتىشنى تىنچ ھەل قىلىش قاتارلىق خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قوغداپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا قائىدىلەرنى باراۋەر قوللىنىش، قوش ئۆلچەم قوللانماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ كۆپ تەرەپچىلىك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزى ۋە رولىنى قوغداپ، كۆپ تەرەپلىك ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى قوللاپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىسلاھاتىدا توغرا يۆنىلىشنى ساقلاشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە رامكىسىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز ھوقۇقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك؛ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك؛ قول تۇتۇشۇپ خەۋپسىزلىكنى ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەنئەنىۋى ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك تەھدىتىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، دۇنياۋى كىلىماتنى تۈزەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەڭ ئورتاق تونۇشقا ئىگە دۇنياۋى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ئىدارە قىلىش رامكىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن تېخنىكىنىڭ ئورتاق گۈللىنىش يولىنى يورۇتۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «چوڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى» زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن ئەمەلىي ھەمكارلىق ئۇلىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلارغا تايىنىش، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنى تۇتاشتۇرۇش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى قوغداپ، بىر گەۋدىلەشكەن چوڭ بازارنى يېتىلدۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسى بەرپا قىلىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كېلەچەك كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا بەش تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى:
بىرىنچى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئوچۇق كودى ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش تەشەببۇسى. جۇڭگو تەرەپ باشلامچىلىق بىلەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئوچۇق كودى مەخسۇس رايونى بەرپا قىلىپ، چوڭ تىل مودېلىنى ئېچىش ۋە قوللىنىش ھەمكارلىقىنى قوللاپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار مەخسۇس تېمىلىق تەتقىقات خاراكتېرلىك بىلىم ئاشۇرۇش - تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئوچۇق ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلىدۇ.
ئىككىنچى، سودا - سېلىنمىنى قولايلاشتۇرۇش تەشەببۇسى. جۇڭگو تەرەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايون ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆزنەك تەسىس قىلىپ، سىياسەتنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئوچۇق تەرەققىيات يېڭى ئېگىزلىكى بەرپا قىلىش تەكلىپى بېرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ كېلەر يىلى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مۇلازىمەت سودىسى مۇنبىرى ئۆتكۈزۈپ، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنىڭ ئېشىش نۇقتىسىنى يېتىلدۈرىدۇ.
ئۈچىنچى، رەقەملىك كەسىپلەر ھەمكارلىقى تەشەببۇسى. جۇڭگو تەرەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەقەملىك كەسىپلەر بۇلۇت سۇپىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، رەقەملىك تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش، تېخنىكا ئالماشتۇرۇش، كەسىپلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدۇ.
تۆتىنچى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق ھەمكارلىقى تەشەببۇسى. جۇڭگو تەرەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇت قۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئۆلچەم، قائىدە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
بەشىنچى، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش تەشەببۇسى. جۇڭگو تەرەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىنژېنېرلارنى يېتىشتۈرۈش ئىتتىپاقى قۇرۇپ، ئىنژېنېرلارنى بىرلىكتە يېتىشتۈرۈش ۋە ئىقتىدار ئۆلچىمىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشنى قانات يايدۇرۇش تەكلىپى بېرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ياشلار پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە ئالماشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى تېخىمۇ كۆپ يېتىشتۈرىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگونىڭ «15 - بەش يىل»ىنىڭ باشلىنىش يىلى. «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ھەم جۇڭگونىڭ ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى، ھەم دۇنياغا يۈزلەنگەن ھەمكارلىق تىزىملىكى. جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، گۈللىنىشنى ئورتاق يارىتىپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىدۇ.
رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافوسا، ئىران زۇڭتۇڭى پېزېشكيان، مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى، ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى پرابوۋو، ئېفىيوپىيە زۇڭلىسى ئابى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئابۇزەبىنىڭ تەخت ۋارىسى خالىد ۋە بىرازىلىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمراھ دۆلەتلىرى ۋە مېھمان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ياكى ۋەكىللىرى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.