شى جىنپىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا - سانائەت رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

2026-11-20 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شېنجېن چيەنخەي خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە 2026 ـ يىللىق ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا ـ سانائەت رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «ئىشەنچنى چىڭىتىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى تاۋ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنجېن، 11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار شياۋ ۋېنفېڭ، خەن جيې) 11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شېنجېن چيەنخەي خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە 2026 ـ يىللىق ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا ـ سانائەت رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «ئىشەنچنى چىڭىتىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش قۇۋۋىتى يېتەرلىك بولمايۋاتىدۇ، يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق ئەۋج ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنياۋى سودىدا ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە ئېشىش ساقلىنىپ، يېڭى گۈللىنىۋاتقان تېخنىكىلاردا تېز بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. ئېچىۋېتىش كېرەكمۇ ياكى بېكىنمىچىلىك قىلىش كېرەكمۇ، ھەمكارلىشىش كېرەكمۇ ياكى بۆلۈنۈش كېرەكمۇ، ئىسلاھ قىلىش كېرەكمۇ ياكى كونىلىققا ئېسىلىۋېلىش كېرەكمۇ، بۇ، جەزمەن جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك دەۋر تېمىسى. ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش دولقۇنىغا ئەگىشىپ بارلىققا كېلىپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ دەۋر كەيپىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان باشلامچى بولۇشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ يىل، جۇڭگو 3 ـ قېتىم ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ساھىبخانىلىقىنى ئۈستىگە ئالدى، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئىشەنچنى چىڭىتىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، قول تۇتۇشۇپ ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ بۇ ھەقتە مۇنداق تۆت تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى:

بىرىنچى، تىنچلىق، مۇقىملىق ئومۇمىيىتىنى قوغداش كېرەك. تاشقى ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ بولغانسېرى، ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنى شۇنچە قەتئىي قوغداپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتا شۇنچە چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئۇلنى پۇختىلاش كېرەك.

ئىككىنچى، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش كۆۋرۈكى بەرپا قىلىش كېرەك. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان، قائىدىنى ئاساس قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغداپ، ئەركىن، ئوچۇق سودا ۋە سېلىنمىنى قوللاپ، دۇنياۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى قوغداش كېرەك. ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى مۇساپىسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ھەر تەرەپلىمە ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تورى بەرپا قىلىپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن راۋان يول ھازىرلاش كېرەك.

ئۈچىنچى، يېڭىلىق يارىتىپ ئىقتىسادنى ئاشۇرىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشچان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى پائال ئورنىتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادنى ئاشۇرىدىغان قۇۋۋەتكە ئۈزلۈكسىز ئايلاندۇرۇپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلىش كېرەك.

تۆتىنچى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش يولىنى كېڭەيتىش كېرەك. ھەم سودا ۋە سېلىنما توسۇقىنى تۈگىتىپ، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىش، ھەم ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئۈنۈم بىلەن ئادىللىققا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەرقايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ۋە ئوخشاش بولمىغان قاتلام ھەم كىشىلەر توپىغا نەپ يەتكۈزۈش كېرەك. ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىغا دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم قولتۇق رايونلىرى توپلانغان، جۇڭگو تەرەپ دۇنيا قولتۇق رايونلىرى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىتتىپاقى قۇرۇپ، ھەرقايسى قولتۇق رايونلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمتۈرتكە بولۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى قوللايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ئىقتىسادى يېڭى بولۇشقا، ئەلا بولۇشقا، ياخشى بولۇشقا قاراپ راۋاجلىنىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %4.6كە يەتتى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تېز راۋاجلاندى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى تېز بەرپا قىلىندى، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشتە تېز ۋە پۇختا قەدەم تاشلاندى. جۇڭگونىڭ «15 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلانى ھەم ئۆز تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى، شۇنداقلا ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ھەتتا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى پۇرسەت تىزىملىكىگە ئىگە قىلىدۇ، بۇ، جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا ـ سانائەت ساھەسىگە چىقارغان ھەمكارلىق تەكلىپى.

− جۇڭگو دۇنيا سودا ـ سانائەت ساھەسىنى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك ئېچىۋېتىلگەن بازارغا ئىگە قىلىدۇ. جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئىستېمال بازىرى، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئوتتۇراھال كىرىملىك كىشىلەر توپىغا ئىگە، سېلىنما ۋە ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. جۇڭگو ئېچىۋېتىلگەن چوڭ بازار قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت ئىمپورتىنى كېڭەيتمەكتە، بۇ، كۆپ خىللاشقان يېڭى ئېھتىياجنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرىدۇ. جۇڭگو «جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىش» قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى داۋاملىق ئۆتكۈزۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەلا سۈپەتلىك تاۋارلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىدىكى يۇقىرى ئۈنۈملۈك يولنى بەرپا قىلىدۇ.

− جۇڭگو دۇنيا سودا ـ سانائەت ساھەسىنى ئىستىقبالى پارلاق تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئىگە قىلىدۇ. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى ئاچقۇچلۇق سۆز. جۇڭگونىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك يېڭىلىق يارىتىش سىناق مەيدانى ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلارنى ھەقىقىي مۇھىتتا سىناقنى قوبۇل قىلىش، يېڭىلىنىش ـ پىششىقلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىگە ئايلاندۇردى. جۇڭگو زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭى گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ـ زورايتىش، كېلەچەك كەسىپلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشنى قوللاپ، پۈتۈن دۇنيادىكى كارخانىلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشى ۋە تەرەققىي قىلىش ـ زورىيىشىنى كۈچلۈك قۇۋۋەتكە ئىگە قىلىدۇ.

− جۇڭگو دۇنيا سودا ـ سانائەت ساھەسىنى بىر ـ بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئورتاق ئىلگىرىلەيدىغان ھەمكارلىق مۇھىتىغا ئىگە قىلىدۇ. يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىقنىڭ زەربىسى ئالدىدا، جۇڭگو ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى باشتىن ـ ئاخىر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ۋە خەلقئارا ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىغا مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق قوشتى. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ، پۈتۈن دۇنيادىكى كارخانىلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى تېخىمۇ مۇقىم، تېخىمۇ كۆزلىمە ئەلا مۇھىتقا ئىگە قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى بىزنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان زېمىنىمىز، شۇنداقلا مۈرىنى ـ مۈرىگە تىرەپ ھەمكارلىشىدىغان سەھنىمىز. ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى سودا ـ سانائەت ساھەسىدىكىلەر دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئەزىمەتلەر. كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق پائال قاتنىشىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشىنى قارشى ئالىمىز. بىز قول تۇتۇشۇپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق تەرەققىياتتىكى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ھەمكارلىق ئارقىلىق ئورتاق بەھرىلىنىش بەخت ـ سائادىتىنى كۆزلەپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ پارلاق كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتايلى!

چىلى زۇڭتۇڭى كاست، مالايسىيا زۇڭلىسى ئەنۋەر قاتارلىقلار قاتناشتى.

سەي چى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ، خۇاڭ كۇنمىڭ، ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.