
11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شېنجېن باۋئەن خەلقئارا ئايروپورتىدا جۇڭگوغا ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنى كۈتۈۋالدى.□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يىن بوگۇ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنجېن، 11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ما جويەن، جاۋ خەنزې) 11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شېنجېن باۋئەن خەلقئارا ئايروپورتىدا جۇڭگوغا ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنى كۈتۈۋالدى.
قارشى ئېلىش مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ تىرامپ بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. ئۈچ ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتى قورال تۇتۇپ سالام بەردى، ئۆسمۈر ـ بالىلار تىرامپقا گۈل تەقدىم قىلدى. جۇڭگو ـ ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقى شامالدا جەۋلان قىلىپ تۇراتتى، ھەربىي ئوركېستىر ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئۇچۇپ ئۆتۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ياشلار قارشى ئېلىش ئەترىتىگە قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل 9 ـ ئايدا مەن ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغاندا، زۇڭتۇڭ تىرامپ ۋە رەپىقىسى ئالايىتەن ئايروپورتقا بېرىپ كۈتۈۋالدى ھەم داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو قائىدە ـ يوسۇن دۆلىتى، قائىدە ـ يوسۇندا بېرىش ـ كېلىشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئەنئەنە بار. مەن سىزنىڭ جۇڭگودا يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولغانلىقىڭىزنى قارشى ئالىمەن، سىز بىلەن جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتى، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقى ۋە دۇنيا ئەندىزىسىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھۆرمەتلەش، ئادىل بولۇش، باراۋەر بولۇش ئاساسىدىكى جۇڭگو ـ ئامېرىكا ئىجابىي ئىستراتېگىيەلىك مۇقىم مۇناسىۋىتىنىڭ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
تىرامپ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى ئايروپورتقا بېرىپ كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇشىغا رەھمەت ئېيتىمەن، ئۇلۇغ جۇڭگوغا يەنە بىر قېتىم زىيارەتكە كەلگەنلىكىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن. رەئىس شى جىنپىڭ ئۇلۇغ داھىي، ھەر قېتىم رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچراشقاندا ئىنتايىن خۇشال بولىمەن، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىپ، تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
سەي چى، ۋاڭ يى، خۇاڭ كۇنمىڭ قاتناشتى.