
11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن شېنجېن خەلقئارا ئالماشتۇرۇش مەركىزىدە زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 33 ـ قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدىغان مېھمانلارنى قارشى ئالدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ سۆز قىلماقتا.□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى

11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن شېنجېن خەلقئارا ئالماشتۇرۇش مەركىزىدە زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 33 ـ قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدىغان مېھمانلارنى قارشى ئالدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن مېھمانلار بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنجېن، 11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار دۇڭ شۆ، لياڭ شىجى) 11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن شېنجېن خەلقئارا ئالماشتۇرۇش مەركىزىدە زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 33 ـ قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدىغان مېھمانلارنى قارشى ئالدى.
شياڭمى كۆلى بويىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش مەركىزىدە ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەرقايسى ئەزا ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ مۇزىكىسى ئورۇنلاندى.
ھەرقايسى ئەزا ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ رەھبەرلىرى، ۋەكىللىرى ھەم جورىلىرى، يىغىنغا قاتنىشىدىغان خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ئارقا ـ ئارقىدىن يېتىپ كېلىپ، قىزىل پاياندازنى بويلاپ ئالدىغا قاراپ ماڭدى.
شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن قىزغىن كۈتۈۋالدى، ئۇلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم بىللە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.
لەرزان قارشى ئېلىش مۇزىكىسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە زىياپەت زالىغا كىردى.
شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەرقايسى ئەزىز مېھمانلارنىڭ جۇڭگوغا ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 33 ـ قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مىڭ يىللىق جۇڭگونى كۆرۈش ئۈچۈن شىئەنگە بېرىش، 500 يىللىق جۇڭگونى كۆرۈش ئۈچۈن بېيجىڭغا بېرىش، 100 يىللىق جۇڭگونى كۆرۈش ئۈچۈن شاڭخەيگە بېرىش، 50 يىللىق جۇڭگونى كۆرۈش ئۈچۈن شېنجېنغا بېرىش كېرەك. ئېچىۋېتىش شېنجېننىڭ ئەزەلدىن بار بولغان گېنى، يېڭىلىق يارىتىش شېنجېننىڭ ھاياتىي كۈچى، ھەمكارلىق شېنجېننىڭ كۈچ مەنبەسى. شېنجېن ھېكايىسى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ـ ئېچىۋېتىشىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى، شۇنداقلا ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگىسى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش، ھەمكارلىشىش ئىزچىل ئۇنىڭ روشەن بەلگىسى بولۇپ كەلدى. سېئاتىلدىكى تۇنجى قېتىملىق قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشتىن يەنچى كۆلىدىكى تارىخىي كاتتا يىغىنغىچە، ماۋۋۇ نىشانىدىكى تەنتەنىلىك ۋەدىدىن ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ئورتاق گەۋدىسى ئۇلۇغۋار ئارزۇسىغىچە، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشتىن ـ ئاخىر دەۋر تومۇرىنى ئىگىلەپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدىكى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە رايون ۋە مۇھىم ئىقتىساد ئېشىش موتورىغا ئايلىنىشىغا كۈچ قوشتى. جۇڭگو تەرەپ بۇ يىل ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ساھىبخانىلىقىنى ئۈستىگە ئالغاندىن بۇيان، 16 شەھەردە 300 نەچچە مەيدان يىغىن ۋە پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، «جۇڭگو يىلى»دا تېخىمۇ كۆپ مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشتى، ئەتىكى رەھبەرلەر يىغىنىدا ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ھەمكارلىق ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغ ئىشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
زىياپەتتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن مېھمانلار بىلەن بىرلىكتە ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئويۇنىنى كۆرۈپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى مەدەنىيلىكى بىر ـ بىرىگە ھۆسن قوشقان، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلاشقان كاتتا مەنزىرىدىن زوق ئېلىپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش، قول تۇتۇشۇپ بىر مەقسەتتە بولۇشتەك ئىناق سىمفونىيەسىنى ھېس قىلدى.
سەي چى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ، خۇاڭ كۇنمىڭ، ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.