
11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شېنجېندا جۇڭگوغا ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن كورېيە زۇڭتۇڭى لى زەيمىڭ بىلەن كۆرۈشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنجېن، 11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار فېڭ شىنرەن، چېن يۈشۈەن) 11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شېنجېندا جۇڭگوغا ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن كورېيە زۇڭتۇڭى لى زەيمىڭ بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كورېيە دوستانە، يېقىن قوشنىلار ھەم ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھلىرى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ، لېكىن خەلققە بەخت ـ سائادەت يارىتىش نىشانى ئوخشاش. كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن كورېيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىقى، ئىككى تەرەپ بۇنى پۇرسەت بىلىپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، كەلگۈسىنى پىلانلاپ، جۇڭگو ـ كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى ياخشى قوغداپ، جۇڭگو ـ كورېيە مۇناسىۋىتىنى ياخشى مۇستەھكەملىشى، ياخشى راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك. ئىككى دۆلەتنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرسە بولىدۇ. جۇڭگو بىلەن كورېيە ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ 2 ـ باسقۇچلۇق سۆھبىتىنى ماھىيەتلىك تاماملىدى، بۇ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق. ئىككى تەرەپ تۈزۈم خاراكتېرلىك بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشتىن ياخشى، تولۇق پايدىلىنىپ، ماكرولۇق سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭى گۈللىنىۋاتقان پەن ـ تېخنىكا كەسپى ھەمكارلىق ئېكولوگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ كورېيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت خادىملىرىنىڭ بېرىش ـ كېلىشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ساغلام، پايدىلىق بولغان مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى تەرتىپلىك، تەدرىجىي قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، جۇڭگو بىلەن كورېيە ھەر ئىككىلىسى كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودىدىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەر. ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئورتاق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ئورتاق گەۋدىسى ۋە ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇپ، دۇنياۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى قوغداپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
لى زەيمىڭ مۇنداق بىلدۈردى: مەن ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، كورېيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقى تېز ئاشتى، خادىملارنىڭ بېرىش ـ كېلىشى قويۇقلاشتى، ئۆزئارا چۈشىنىشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي بەخت ـ سائادەت ئېلىپ كەلدى. كورېيە تەرەپنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇش مەيدانى ئۆزگەرمىدى ھەم ئۆزگەرمەيدۇ، كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، سودا، مەبلەغ سېلىش، ئىشلەپچىقىرىش ـ تەمىنلەش زەنجىرى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ پىشىپ يېتىلگەن كورېيە ـ جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. كورېيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ساھىبخانىلىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈستىگە ئالغانلىقىنى تەبرىكلەيدۇ ھەم قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، ئورتاق گۈللەنگەن ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.
سەي چى، ۋاڭ يى، خۇاڭ كۇنمىڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.