
11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شېنجېندا جۇڭگوغا ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنجېن، 11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار فېڭ شىنرەن، جوۋ چياڭ) 11 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شېنجېندا جۇڭگوغا ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو ـ رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى، شۇنداقلا «جۇڭگو ـ رۇسىيە ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە ھەمكارلىق شەرتنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى. جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتى ھەم «ھەرقانداق كۈچلۈك بوران ـ چاپقۇندا تاغدەك مەزمۇت تۇرىدىغان»، ھەم «ئىش قىلغاندا يىراقنى ئويلايدىغان» مۇناسىۋەت بولۇپ، ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنيانى تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىققا ئىگە قىلىپ، ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغان، ئۆزئارا ھۆرمەتلەيدىغان، ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، ۋەدىگە ئەمەل قىلىدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ئىككى تەرەپ يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش ھاياتىي كۈچىنى دائىم ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ۋە ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز قېزىشى كېرەك؛ پۇختا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك؛ چوڭ دۆلەتتە بولۇشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى، ئارمىيە، پارتىيەلەر ئارا ئالاقە مېخانىزمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۆزئارا ئىشىنىشتىن ئىبارەت سىياسىي ئەۋزەللىككە، تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشتىن ئىبارەت ئورتاق نىشانغا، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت ئاساسىي لوگىكىغا ئىگە بولۇپ، ھازىرقى ھەمكارلىقنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە كۈچەيتىپ، ساقلانما مىقدارنى مۇستەھكەملەپ، كۆپەيمە مىقدارنى كېڭەيتىش كېرەك. تېخىمۇ مۇقىم، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ۋە تىجارەت ـ سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداش كېرەك. جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ تەرەققىياتى ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ باغلانغان، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم سۇپا. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى چوڭ ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە، ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىش ئۇلۇغۋار پىلانى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، قول تۇتۇشۇپ ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.
پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. بۇ يىلدىن بۇيان، مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن تۆت قېتىم قالتىس ئۈنۈملۈك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، رۇسىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاشقا تۈرتكە بولدۇق، ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى قويۇقلاشتى، ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسىدا يەنە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقتا ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، رۇسىيە ـ جۇڭگو مائارىپ باش تېما يىلى پائالىيىتى كەڭ قانات يايدۇرۇلدى، ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى ئىككى دۆلەت خادىملىرىنىڭ بېرىش ـ كېلىشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن «مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ» ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، كەلگۈسىنى پىلانلاپ، سودا، ئېنېرگىيە، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇر كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ شېنجېندا ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئاسىيا ـ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش مۇساپىسىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.
سەي چى، ۋاڭ يى، خۇاڭ كۇنمىڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.