شى جىنپىڭ كانادا زۇڭلىسى كارنېي بىلەن كۆرۈشتى

2026-11-19 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شېنجېندا جۇڭگوغا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن كانادا زۇڭلىسى كارنېي بىلەن كۆرۈشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ ۋېيبىڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنجېن، 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار شاۋ يىبو، جوۋ چياڭ) 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شېنجېندا جۇڭگوغا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن كانادا زۇڭلىسى كارنېي بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كانادا ئوخشاشلا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مۇھىم دۆلەتلەر. جۇڭگو - كانادا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى قوغداشقا پايدىلىق، بۇ، بىر توغرا تاللاش. جۇڭگو - كانادا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇشۇ يىللاردىكى تەرەققىيات مۇساپىسى بىزگە ئېلىپ كەلگەن مۇھىم ئىلھام دەل ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، باراۋەر بولۇش ئاساسىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت. جۇڭگو تەرەپ كانادا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - كانادا يېڭىچە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، بىر - بىرىگە ئىشىنىدىغان، ئۆزئارا ھەمكارلىشىدىغان ھەمراھلاردىن بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ جۇڭگو - كانادا مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا تۆت تۈرلۈك پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچىدىن، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىجابىي سۆھبەتلىشىش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، بىر - بىرىنىڭ تەرەققىيات يولى ۋە سىياسەت مۇددىئاسىغا بولغان توغرا تونۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ئىشلىرىغا بولغان چۈشىنىش ۋە ھۆرمەتلەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زىددىيەت، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇپ تىزگىنلەپ ۋە ھەل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى بىرلىكتە پۇختا ئىگىلەش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سودا، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىكى، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەنئەنىۋى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېشىل ئىقتىساد، ئېلېكتىرونلۇق سودا، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق يېڭى گۈللىنىۋاتقان ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئۇزاق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، پەن - تېخنىكا، ياشلار، يەرلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئورتاق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزى ۋە كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

كارنېي مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىلنىڭ بېشىدا مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ، كانادا - جۇڭگو يېڭىچە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى توغرا تەرەققىيات يولىغا كىردى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىنىڭ ئالاقىسى كۆپىيىپ، سودا سوممىسى زور دەرىجىدە ئېشىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەتلەش ئاساسىدا ھەمكارلىقنى تامامەن ئالغا سىلجىتالايدىغانلىقى ۋە چوڭقۇرلاشتۇرالايدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. كانادا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، سودا، سېلىنما، يېڭى ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، مەسىلە تىزىملىكىنى قىسقارتىپ، ھەمكارلىق تىزىملىكىنى ئۇزارتىپ، خەلقنىڭ دوستانە ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، كانادا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگونىڭ بۇ يىللىق ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ساھىبخانىلىقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈستىگە ئالغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىنىڭ باش تېمىسى بولغان «ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» ئالدىن كۆرەرلىككە ۋە ئىستراتېگىيەلىككە ئىگە. كانادا بىلەن جۇڭگو مۇھىم تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى. كانادا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداپ، ئەركىن سودىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيانىڭ مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى، خۇاڭ كۇنمىڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.