تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمىلىق پويىز بېلىتى سېتىلىشقا باشلىدى

2018-09-11 :ۋاقىت
مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: بۇ يىللىق تاۋۇز چاغىنى، دۆلەت بايرىمىلىق پويىز بېلىتىنى سېتىش باشلاندى. مۇخبىرنىڭ 9-ئاينىڭ 9-كۈنى شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ئالاقە تورى، يانفون، تېلېفوندا 30 كۈن بۇرۇن بېلەت زاكاز قىلغىلى بولىدىكەن. ۋوگزالنىڭ بېلەت سېتىش كۆزنىكى، ۋاكالىتەن بېلەت سېتىش نۇقتىسى ۋە ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ماشىنىسىدا 28 كۈن بۇرۇن بېلەت زاكاز قىلغىلى بولىدىكەن. مۇشۇ بويىچە بولغاندا، تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى پويىز بېلىتىنى سېتىۋالغىلى بولىدىكەن.

مۇخبىرنىڭ 12306 تور بېكىتىدىن ئىگىلىشىچە، تاۋۇز چاغىنىلىق دەم ئېلىش ۋە دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىن جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭغا بارىدىغان ۋە شىنجاڭدىن چىقىدىغان پويىزلارنىڭ بېلىتى يېتەرلىك بولىدىكەن. 9-ئاينىڭ 30-كۈنى ۋە 10-ئاينىڭ 1-كۈنى يولۇچىلار ئېقىمىنىڭ سەپەرگە چىقىش يۇقىرى پەللىسى، 10-ئاينىڭ 7-كۈنى يولۇچىلارنىڭ قايتىش يۇقىرى پەللىسى كۆرۈلىدىكەن.