كېلەر يىلى 1- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭ تۆمۈر يولىدا نۆۋەتچى پويىز يېڭى قاتناش خەرىتىسى يولغا قويۇلىدۇ

2018-12-07 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

مۇخبىرىمىز لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئۇقۇشىچە، 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا يولۇچىلار- يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى يېڭى قاتناش خەرىتىسى ئىجرا قىلىنىپ، ئۈرۈمچىدىن شىخەنزىگە، بورتالاغا قوش يۆنىلىشتە ئىككى يولۇچىلار پويىزى كۆپەيتىلىدىكەن.
بۇ قېتىمقى قاتناش خەرىتىسىنى تەڭشەش− مەملىكەت بويىچە تۆمۈريول نۆۋەتچى پويىزلىرىدا بىرتۇتاش ئېلىپ بېرىلغان قاتناش خەرىتىسىنى تۈزۈپ تەڭشەش ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى شىنجاڭ ئىچىدىكى يولۇچىلار ئېقىمى ۋە تىرانسپورت ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان يولۇچىلار نۆۋەتچى پويىزىنىڭ     قاتناش خەرىتىسىنى مۇناسىپ تەڭشىدى.
قاتناش خەرىتىسى تەڭشەلگەندىن كېيىن، لەنجوۋدىن ئۈرۈمچىگە قاتنايدىغان T295/6 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز قومۇلدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان ئارىلىقتا لەنجوۋ- شىنجاڭ يولۇچى تىرانسپورت مەخسۇس لىنىيەسىدە قاتناشقا ئۆزگەرتىلىدۇ؛ شىنجاڭ ئىچىدە يولۇچىلار نۆۋەتچى پويىزىدىن قوش يۆنىلىشتە ئىككىسى كۆپەيتىلىدۇ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا ئۈرۈمچىدىن شىخەنزىگە، ئۈرۈمچىدىن بورتالاغا قاتنايدىغان پويىز كۆپەيتىلىدۇ؛ قەشقەردىن ئالتايغا قاتنايدىغان K9786/7 ،K9788/5 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزنىڭ قاتناش بۆلىكى قەشقەردىن ئۈرۈمچىگە ئۆزگەرتىلىدۇ؛ قىسمەن نۆۋەتچى پويىز توختايدىغان بېكەتلەردە مۇناسىپ ئۆزگىرىش بولىدۇ.
يولۇچىلار نۆۋەتچى پويىزى كونا، يېڭى ۋاقىتنىڭ ئالمىشىشىنىڭ تەسىرى سەۋەبلىك، T284/1 ،T282/3 قېتىملىق نۆۋەتچى پويىز 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن باشلاپ ۋاقىتلىق توختىتىلىدۇ، يېڭى ۋاقىتقا ئاساسەن قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ.