ئاپتونوم رايونىمىز قىسمەن يول تىرانسپورت تالون باھاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ ۋە تۆۋەنلىتىدۇ

2019-12-01 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئەمەلىي ئىقتىساد كارخانىلىرىنىڭ تەننەرخى تۆۋەنلىتىلىدۇ

ئاپتونوم رايونىمىز قىسمەن يول تىرانسپورت تالون باھاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ ۋە تۆۋەنلىتىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون قىسمەن يول تىرانسپورت تالون باھاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىكەن ۋە تۆۋەنلىتىدىكەن.

يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قىسمەن يول تىرانسپورت تالون باھاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە تۆۋەنلىتىش توغرىسىدىكى جاۋاب خەت»نى بېسىپ تارقىتىپ، بىر تۈركۈم يول تىرانسپورت كەسپى تالون باھاسىنى ئېنىقلىدى، تۆۋەنلەتتى. بۇ تەدبىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىي ئىقتىساد كارخانىلىرىنىڭ تەننەرخىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىپ، ھەقىقىي تۈردە كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

بۇ قېتىم ئېنىقلانغان، تۆۋەنلىتىلگەن يول تىرانسپورت كەسپى تالون باھاسى ئىچىدە 37 تۈر ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ، بارلىق تۈرلەرنىڭ %59.68ىنى ئىگىلىگەن؛ 19 تۈر تۆۋەنلىتىلگەن، ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنىڭ ئوتتۇرىچە تۆۋەنلەش ھەجمى %31.92 بولۇپ، تۆۋەنلىتىلگەن تۈرلەر بارلىق تۈرلەرنىڭ %30.65ىنى ئىگىلىگەن؛ ئالتە تۈرنىڭ ئەسلىدىكى باھا سەۋىيەسى ئۆزگەرتىلمەي ساقلاپ قېلىنغان بولۇپ، بارلىق تۈرلەرنىڭ %9.67ىنى ئىگىلىگەن.