شىنجاڭدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئوقۇش باشلايدۇ

2020-03-14 :ۋاقىت
مەنبە:

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئوقۇش باشلاپ، ئومۇميۈزلۈك دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ئورۇنلاشتۇردى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى مەكتەپلەر ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، تولۇق ئوتتۇرا 3 - يىللىق، تولۇقسىز ئوتتۇرا 3 - يىللىق، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان يىللىقلىرىدا 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ئوقۇش باشلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، مەكتەپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئوقۇش باشلاپ دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلىشى كېرەك. تەۋەلىككە ئاساسەن باشقۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىر مەكتەپكە بىر تەدبىر قوللىنىپ، لايىھەنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، دەسلەپكى لايىھەنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى ئىلمىي تەشكىللەپ، مەكتەپلەر ئومۇميۈزلۈك دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن مەكتەپ بىخەتەر، ئوقۇتۇش تەرتىپلىك، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش دەل جايىدا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.