شىنجاڭدا نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ

2020-03-12 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى ئۇقتۇرۇش چىقاردى

شىنجاڭدا نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭدا نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداشتا چىڭ تۇرۇشتا تەۋرەنمەسلىك، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشتا تەۋرەنمەسلىك، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاشتا تەۋرەنمەسلىكنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئومۇميۈزلۈك نورمال ئىزغا چۈشتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەر ئاساسىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا تۇتۇپ، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى يولغا قويۇپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تىجارىتى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن شەھەر ئىچى ئاممىۋى قاتنىشى ۋە شىنجاڭ ئىچىدىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇسى، يولۇچىلار پويىزى، پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئايروپىلانلىرى ۋاقتىدا دېزىنفېكسىيە قىلىش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشى؛ مېھمانساراي، سودا ساراي، تاللا بازارلىرى، دۇكان، يېمەك - ئىچمەك دۇكىنى، ساتىراشخانا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى قاتارلىق تۈرلۈك سودا دۇكانلىرى تىجارەت ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى، سورۇننى دېزىنفېكسىيە قىلىش، خادىملار ماسكا تاقاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتى، مەبلەغ ئېقىمىنىڭ تەرتىپلىك ئايلىنىشىغا داۋاملىق زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، «نۇقتىدىن نۇقتىغا» توشۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ، شىنجاڭ سىرتىدىكى خادىملارنىڭ ئىمكانقەدەر تېز ئىش ئورنىغا قايتىشىغا ياردەم بېرىپ، كارخانىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك مەھسۇلات كۆزلىمە نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار ئىشەنچنى چىڭىتىشتا تەۋرەنمەي، نىشاننى چىڭ كۆزلەشتە بوشاشماي، پەيتنى قولدىن بەرمەي، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، يۇقۇم پەيدا قىلغان زىياننى تولۇقلاشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، يۇقۇم دەخلى يەتكۈزگەن ۋاقىتنى قايتۇرۇۋېلىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلققە لاياقەتلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشى كېرەك.