شىنجاڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنىڭ دەرىجىسىنى يەنە بىر قېتىم تەڭشىدى

2020-03-08 :ۋاقىت
مەنبە:

دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن - نىزاملىرىغا ۋە شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتىگە ئاساسەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، 2020 - يىلى 3 - ئاينىڭ 7 - كۈنى سائەت 24تىن باشلاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنىڭ دەرىجىسىنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋى ساغلاملىق ۋەقەسىگە قارىتا جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش 2 - دەرىجىلىك لايىھەسىدىن 3 - دەرىجىلىك لايىھەسىگە تەڭشەشنى قارار قىلدى.