ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇقتۇرۇش تارقاتتى

2020-03-14 :ۋاقىت
مەنبە:

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، پەيتنى قولدىن بەرمەي، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلاردىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك نورمال ئىزغا چۈشۈشىگە تېز تۈرتكە بولۇپ، قەتئىي تۈردە يۇقۇم پەيدا قىلغان زىياننى تولۇقلاپ، يۇقۇم دەخلى قىلغان ۋاقىتنى قايتۇرۇۋېلىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا تەۋرەنمەسلىك، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشتا تەۋرەنمەسلىك، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاشتا تەۋرەنمەسلىكنى تەلەپ قىلدى.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھى بىزنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزنى ئىلمىي يېتەكچىلىك ۋە تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلدى، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى تېزلا ئومۇميۈزلۈك نورمال ئىزغا چۈشتى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقۇم ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋەزىيىتىنى توغرا تەھلىل قىلىپ، ئىگىلەپ، باشتىن - ئاخىر ئېھتىياتچان بولۇش، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا، ئىنچىكە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش بىلەن بىللە، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، پۈتۈن يىللىق نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، ۋەزىپىلەرنى ئىنچىكە ئايرىپ، پەيتنى قولدىن بەرمەي، مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك نورمال ئىزغا چۈشۈشىگە تېز تۈرتكە بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى تۇتۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئوقۇش باشلاپ دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام ئايلىنىشىنى ساقلاپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى چىڭ كۆزلەپ، «ئالتىدە دەل جايىدا بولۇش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يەتتە بىر تۈركۈم» «ئۈچتە سالماقنى ئاشۇرۇش»نى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دىققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە نامرات كىشىلەر توپىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارنى نىشانلاپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى دەرىجىمۇدەرىجە قانات يايدۇرۇپ، يوچۇقلارنى تەكشۈرۈپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، نامراتلىقتىن چېكىندۈرۈش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سىياسىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم بېرىش - يۆلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش فوندىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەر دەرىجىلىك مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتلىك ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، دائىم ھوشيار بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ئۈنۈملۈك مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىدە چىڭ تۇرۇشتا تەۋرەنمەي، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.

«ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى تارماقلار ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، بىڭتۇەن، خەلق ماسلىشىپ بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، قولىدا تۇتۇپ، ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش جاسارىتى، ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەقىل - پاراسىتى، بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىش تەدبىرى، تەشكىللەپ يولغا قويۇش ئىقتىدارى ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىشقا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.