ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 7- ئاينىڭ 7- كۈنىدىن 9- كۈنىگىچە ئېلىنىدۇ

2020-06-12 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2020- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بەلگىلىمىسى ئېلان قىلىندى

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 7- ئاينىڭ 7- كۈنىدىن 9- كۈنىگىچە ئېلىنىدۇ

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ شىيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، «ئاپتونوم رايوننىڭ 2020 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بەلگىلىمىسى» ئېلان قىلىنغان، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 9 - كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى، نومۇر چېكىنى ئېلان قىلىش ۋە ئارزۇ تولدۇرۇش قاتارلىقلارنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان ئورنى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن ھۆكۈمەت تەرەپ تور بېكىتى (www.xjzk.gov.cn)دە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدىكەن.

ئاپتونوم رايوننىڭ 2020 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشى سەككىز تۈركۈمگە بۆلۈنىدىغان بولۇپ، تەرتىپى تولۇق كۇرس ئالدىنقى تۈركۈمى، نامراتلار مەخسۇس تۈرى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئايرىم پىلانى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانى بويىچە تولۇق كۇرس 1 - تۈركۈمى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس تۈر پىلان تۈركۈمى، تولۇق كۇرس 1 - تۈركۈمى، نامراتلار مەخسۇس تۈرى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئايرىم پىلانى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانى بويىچە تولۇق كۇرس 2 - تۈركۈمى، تولۇق كۇرس 2 - تۈركۈمى، ئالىي كەسپىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) ئالدىنقى تۈركۈمى، ئالىي كەسپىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) تۈركۈمى.

بۇنىڭ ئىچىدە، تولۇق كۇرس ئالدىنقى تۈركۈمى، نامراتلار مەخسۇس تۈرى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئايرىم پىلانى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانى بويىچە تولۇق كۇرس 1 - تۈركۈمى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس تۈر پىلان تۈركۈمى، نامراتلار مەخسۇس تۈرى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئايرىم پىلانى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانى بويىچە تولۇق كۇرس 2 - تۈركۈمى ۋە ئالىي كەسپىي تېخنىكوم(مەخسۇس كۇرس) ئالدىنقى تۈركۈمىدە «پەلەمپەيسىمان ئارزۇ» شەكلى قوللىنىلىپ ئارخىپ چىقىرىلىدۇ، ئارخىپ چىقىرىش پىرىنسىپى «ئارزۇنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، نومۇرغا ئەمەل قىلىش». تولۇق كۇرس 1 - تۈركۈمى، تولۇق كۇرس 2 - تۈركۈمى ۋە ئالىي كەسپىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) تۈركۈمىدە «پاراللېل ئارزۇ» شەكلى قوللىنىلىپ ئارخىپ چىقىرىلىدۇ، ئارخىپ چىقىرىش پىرىنسىپى «نومۇرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئارزۇغا ئەمەل قىلىش».

ئاپتونوم رايوننىڭ 2020 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىنىڭ نامراتلار مەخسۇس تۈرى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئايرىم پىلانى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانى بويىچە تولۇق كۇرس 1 - تۈركۈمىدە، تولۇق كۇرس 1 - تۈركۈمى ھەم تولۇق كۇرس 2 - تۈركۈمىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھەربىرىگە بىر قېتىم ئارزۇ قوبۇل قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ؛ ئالىي كەسپىي تېخنىكوم (مەخسۇس كۇرس) تۈركۈمىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىككى قېتىم ئارزۇ قوبۇل قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان ئورنى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئورۇندىلىنىپ بولالمىغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، قوبۇل قىلىنمىغان ئوقۇغۇچىلارنى توردا ئارزۇ تولدۇرۇپ قوبۇل قىلىشقا تەشكىللەيدۇ، ئارخىپ چىقارغاندا شۇ قېتىمقى ئارزۇ قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىنى ئاساس قىلىپ ئارخىپ چىقىرىدۇ. تولۇق كۇرس 1 - تۈركۈمىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھەر قېتىم ئارزۇ قوبۇل قىلغاندا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر كېيىنكى تۈركۈمدىكى ئارزۇسىنى ماس قەدەمدە ئۆزگەرتىپ تولدۇرسا بولىدۇ.

ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ھەم ئاتا - ئانىلار ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسىنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى ئىگىلىمەكچى بولسا، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان ئورنىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ تور بېكىتىگە چىقىپ تەكشۈرسە بولىدۇ.