6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەتىگەن ۋە كەچلىك قاتناشنىڭ بېسىق مەزگىلىدە سىرتنىڭ ئاپتوموبىللىرىنىڭ يۈرۈشىگە چەك قويۇلىدۇ

2020-06-04 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ دۇڭمېي، ئىختىيارىي مۇخبىرلى شۆتۇڭخەۋىرى): 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە سىرتتىن كەلگەن ئاپتوموبىللارنىڭ يول يۈرۈشىگە چەك قويۇش تەدبىرى يولغا قويۇلىدۇ، بۇ بەلگىلەنگەن ۋاقىت، رايون ئىچىدە سىرتنىڭ نومۇر تاختىسى ئېسىلغان ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈشىنى چەكلەشتىن دېرەك بېرىدۇ.

5-ئاينىڭ 29-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سىرتنىڭ ئاپتوموبىللىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۈرۈمچى شەھەر رايونىنىڭ قاتناش قىستاڭچىلىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللىقى بىلەن، ئۈرۈمچى شەھىرىدە سىرتنىڭ ئاپتوموبىللىرىنىڭ يول يۈرۈشىنى چەكلەش تەدبىرىنى قوللىنىش قارار قىلىنغان.

بۇ قېتىم يول يۈرۈشكە چەك قويۇلغان سىرتنىڭ ئاپتوموبىللىرى باشقا شەھەرلەر تارقاتقان ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ نومۇر تاختىسى (ۋاقىتلىق نومۇر تاختىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بار ئاپتوموبىللارنى كۆرسىتىدۇ. چەكلەش ۋاقتى بولسا قانۇندا بەلگىلەنگەن خىزمەت كۈنى (بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا) ھەر كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 9:30 دىن 10:30گىچە (ئەتىگەنلىك قاتناشنىڭ بېسىق مەزگىلى)، كەچ سائەت 19:30دىن 20:30 (كەچلىك قاتناشنىڭ بېسىق مەزگىلى)گىچە.

سىرتنىڭ ئاپتوموبىللىرىنىڭ يۈرۈشىگە چەك قويۇلغان رايونلار مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: خېنەن غەربىي يولى - خېنەن شەرقىي يولى - خۇڭگۇاڭشەن يولى - كۆرگەزمە چوڭ يولى - شەرقىي ئايلانما تېز سۈرئەتلىك يولى - شەرقىي ئارقا كوچا - دۇڭدالىياڭ غەربىي كوچىسى - داۋان شىمالىي يولى - داۋان جەنۇبىي يولى - سەندۇڭبېي يولى - شىنخۇا جەنۇبىي يولى - شىنخۇا جەنۇبىي يولى غەربىي 1 - كوچىسى - ساي تېز سۈرئەتلىك يولى - جۇجياڭ يولى - ساڭفاڭگوۋ يولى - غەربىي ئايلانما تېز سۈرئەتلىك يولى (يۇقىرىقى يوللار ۋە ئاسما كۆۋرۈك ئاستىدىكى يوللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئارقىلىق قورشالغان رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەمما سىرتنىڭ ئاپتوموبىللىرى ئىچىدە: ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قۇرۇلۇشتا خەتەردىن قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش، توسالغۇلارنى تازىلاش، باغ-ئورمان مۇھىت تازىلىقى مەشغۇلاتى، شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش مەخسۇس مەشغۇلات ئاپتوموبىللىرى؛ يولۇچى توشۇش لىنىيە ئاپتوموبىلى، توققۇز كىشىلىكتىن يۇقىرى (توققۇز كىشلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يولۇچىلار ئاپتوبۇسى، ساياھەت يولۇچى تىرانسپورت ئاپتوموبىلى (ساياھەت يولۇچىلار ئاپتوموبىلى تىجارەت كىنىشكىسى بولۇشى كېرەك)؛ ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغان پۇل توشۇش ئاپتوموبىلى، داۋالاش ئەخلەتلىرىنى يۆتكەش ئاپتوموبىلى، قاتناش ھادىسىسى سۇغۇرتىسىنى تەكشۈرۈش ئاپتوموبىلى، دەپنە ئىدارىسىنىڭ دەپنە قىلىش ئاپتوموبىلى؛ ھەر قايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى ۋە ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىنىڭ باشقا جايدىكى ئاپتوموبىللىرى؛ يېڭى ئېنېرگىيە مەخسۇس نومۇر تاختىسى ئېسىلغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىق تىپتىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى يۈرۈشنى چەكلەش تەدبىرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

بۇ يەردە، سىرتنىڭ ئاپتوموبىللىرىنىڭ شوپۇرلىرىغا يۈرۈش مەنئى قىلىنغان ۋاقىت ۋە رايونلارنى پىششىق بىلىشنى، سەپەرگە چىقىش ۋاقتى ۋە لىنىيەسىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەسكەرتىمىز. 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ يول يۈرگەن سىرتنىڭ ئاپتوموبىللىرىنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئالاقىدار قانۇن ـ نىزاملار بويىچە جازالايدۇ.