شىنجاڭنىڭ 2020-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 22دە ئېلان قىلىنىدۇ

2020-07-23 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

شىنجاڭنىڭ 2020-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى سائەت 22دە ئېلان قىلىنىدۇ، شۇ چاغدا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇر ئارقىلىق تۆۋەندىكى ئۇسۇللاردا ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ:

بىرىنچى ئۇسۇل: تور بېكەتكە چىقىپ سۈرۈشتۈرۈش:

1. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تورى:http://jyt.xinjiang.gov.cn

2. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تورى:http://www.xinjiang.gov.cn

3. شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى:http://www.xjzk.gov.cn

4. شىنجاڭ تىيانشان تورى:http://www.ts.cn

5. شىنجاڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى تورى:http://zwfw.xinjiang.gov.cn

ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نومۇرى + مەخپىي نومۇر ئارقىلىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

ئىككىنچى ئۇسۇل: يان تېلېفون قىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈش:

1. زاكاز قىلىپ سۈرۈشتۈرۈش. نەتىجە ئۇچۇرى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابۇنىچىلىرى قىسقا ئۇچۇر: GK # ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نومۇرى # مەخپىي نومۇر(ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسىنى زاكاز قىلىپ سۈرۈشتۈرۈشتە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا ئۇچۇرىنى كىرگۈزگەندىن كېيىنكى دەسلەپكى مەخپىي نومۇرىنى بېكىتىدۇ)نى 10658333كە يوللاپ، نەتىجە سۈرۈشتۈرۈشنى ئالدىن زاكاز قىلسا بولىدۇ، نەتىجە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، نەتىجە قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە نەتىجىنى زاكاز قىلغان كۆچمە خەۋەرلىشىش يان تېلېفون نومۇرىغا ۋاقتىدا ئەۋەتىلىدۇ. (مەسىلەن: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەن ئابۇنىچىلار ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن#GK#2065XXXXXXXXX دەسلەپكى مەخپىي نومۇرنى 10658333كە يوللىسا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئالدىن زاكاز قىلالايدۇ).

2. تەلەپ قىلىپ سۈرۈشتۈرۈش. نەتىجە ئۇچۇرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابۇنىچىلىرى قىسقا ئۇچۇر: GK # ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نومۇرى # مەخپىي نومۇر(ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجە ئۇچۇرىدا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇرىنىڭ دەسلەپكى مەخپىي نومۇرى كېرەك بولىدۇ)نى 10658333كە يوللىسا، نەتىجە ئۇچۇرىنى قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە تاپشۇرىۋالىدۇ.

3. 12580گە تېلېفون بېرىپ ئادەملىك مۇلازىمەتكە ئۇلاش ئارقىلىق نەتىجە سۈرۈشتۈرۈش كەسپىنى زاكاز قىلسا بولىدۇ.

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ «يېڭى دەۋردىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئادەم تەربىيەلەش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى»ى، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «2020-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»ىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئوتتۇرا مەكتەپلەر «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئەلىيۇلئەلاسى»، «يۇقىرى نومۇر ئالغان ئوقۇغۇچى»، «نۇقتىلىق مەكتەپلەرگە ئۆتۈش نىسبىتى»، «ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى»، «بېيجىڭ داشۆ، چىڭخۇا داشۆلەرگە ئۆتۈش نىسبىتى»، «دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىلار»، «خۇش خەۋەر» قاتارلىق مەزمۇنلارنى تەشۋىق قىلىپ كۆپتۈرمەسلىكى، ھەرقانداق شەكىلدە ئىمتىھان نەتىجىسى، ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى، يۇقىرى نومۇر نىسبىتى، ئوتتۇرىچە نەتىجە، نۇقتىلىق مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى قاتارلىق تېمىلارنى كۆپتۈرمەسلىكى كېرەك. بەلگىلىمىگە خىلاپ تەشۋىق قىلىپ كۆپتۈرگەنلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى قايتا تەكشۈرۈش

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ نەتىجىسىدىن گۇمانلانسا، 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە ئۆزى ئوقۇغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئارقىلىق ۋىلايەتلىك (ئوبلاستلىق، شەھەرلىك) ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن «ئاپتونوم رايوننىڭ 2020-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسىنى قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى»نى ئېلىپ، بەلگىلىمىدىكى تەلەپ بويىچە قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن ئۆتۈپ كەتسە ئىلتىماس قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسىنى قايتا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋاب يېزىش كارتىسىدىكى ھەرقايسى كىچىك سوئاللارنىڭ تەكشۈرۈشتە چۈشۈپ قالغان-قالمىغانلىقى ھەم نومۇر جەملىنىشىنىڭ توغرا بولغان-بولمىغانلىقىنى قايتا تەكشۈرىدۇ، ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرۈشنىڭ بوش-چىڭلىق دەرىجىسى تەكشۈرۈلمەيدۇ.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان ئورنى نەق مەيداندا نەتىجىنى قايتا تەكشۈرۈش بويىچە كۈتۈۋېلىش ئورنى تەسىس قىلمايدۇ، ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ياكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بىۋاسىتە ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلمايدۇ. بارلىق ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىنى قايتا تەكشۈرۈش ئىلتىماسى تەرتىپ بويىچە ئۆزلىرى ئوقۇغان ئوتتۇرا مەكتەپلەر ھەرقايسى ۋىلايەتلىك (ئوبلاستلىق، شەھەرلىك) ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا يوللاش ئارقىلىق بىرتۇتاش جەملىنىپ يۇقىرىغا يوللىنىدۇ.