ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 8-ئايدىكى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانى 10-ئايدىكى ئىمتىھان بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئېلىنىدۇ

2020-07-25 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ شىيانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۆۋەتتىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئىمتىھانغا ئالاقىدار خادىملارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ھەم ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، 8-ئايدىكى ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىنى توختىتىپ، 10-ئايدىكى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئېلىش قارار قىلىنغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان ئورنى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ئىلگىرى 8-ئايدا ئېلىنىدىغان ئىمتىھانغا تىزىملاتقان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر يەنىلا كۈچكە ئىگە بولىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 10-ئايدىكى ئىمتىھانغا قاتنىشىش-قاتناشماسلىقنى ئۆز ئالدىغا تاللىسا بولىدۇ. 10-ئايدا ئېلىنىدىغان ئىمتىھاننىڭ پىلانى 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئېلان قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئىمتىھان بېرىدىغان دەرسلىك ۋە رايوننى ئۆزگەرتىش ھاجەتسىز بولسا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھانغا بىۋاسىتە قاتناشسا بولىدۇ. ئەگەر ئىمتىھان بېرىدىغان دەرسلىك ياكى رايوننى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلار ئىمتىھان ھەققىنى قايتۇرۇۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، قايتىدىن تىزىملاتسا بولىدۇ. ئەگەر ئىمتىھان ۋاقتى ئۆزگەرگەنلىكى سەۋەبلىك ئىمتىھانغا داۋاملىق قاتنىشالمىسا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھان ھەققىنى قايتۇرۇۋېلىشنى بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئىمتىھان ھەققىنى قايتۇرۇشقا دائىر كونكرېت ئىشلار 10-ئايدىكى ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش خىزمىتى باشلىنىشتىن بۇرۇن ئېلان قىلىنىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى، ئاپتونوم رايونلۇق ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانى تورىدىكى ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىشىنى سورايمىز.