شىنجاڭ يازلىق تەتىللىك 10 ئېسىل ساياھەت لىنىيەسىنى ئېلان قىلدى

2020-07-10 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىزۋاڭ جىڭجىڭ):يازلىق تەتىل يېتىپ كەلدى، شىنجاڭمۇ ئەڭ يېشىل، ئەڭ گۈزەل پەسىلگە كىردى، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئارقا كۆرۈنۈشىدە ساياھەت بازىرىنىڭ جانلىنىشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، 7-ئاينىڭ 6-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت-ساياھەت نازارىتى يازلىق تەتىللىك 10 ئېسىل ساياھەت لىنىيەسىنى ئېلان قىلدى، بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان لىنىيەلەردە ئۈرۈمچى، قومۇل، قەشقەر، غۇلجىدىن ئىبارەت تۆت جاي يولغا چىقىش نۇقتىسى قىلىنغان، شىنجاڭدىكى ئەڭ ياخشى سۈرەتكە چۈشۈش نۇقتىسى، تەتقىقات-ئۆگىنىش بازىسى، قىزىل ساياھەت مەنزىرە رايونىغا تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىش، توردا ئالقىشلانغان مەنزىرە نۇقتىلىرىدا داكا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە تەتقىقات، ئىلىم-پەن قاتارلىق ئالاقىدار مەزمۇنلار بىلەن ئۇچرىشالايدۇ، ئاتا-ئانا بىلەن بالىلار ساياھىتىنى تېخىمۇ قىزىقارلىق قىلالايدۇ. 


  ئۈرۈمچى شەھىرىدىن يولغا چىقىدىغان لىنىيەلەردە، شەھەر ئەتراپىنى ساياھەت قىلىش ئاساس قىلىنغان «بۇلۇت ساياھىتىدىكى مەركىزىي شەھەر، كوئېنلۇندا ئۇچرىشىش» باش تېمىسىدىكى بىر كۈنلۈك ساياھەت لىنىيەسى بار بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن يولغا چىقىپ شۇيشىگۇ بازىرىغا بارىدۇ، تىيانشان چوڭ جىلغىسىنى ساياھەت قىلغاندىن كېيىن، قار-مۇز كىچىك بازىرىدا ئورمان تەتقىقات-ئۆگىنىش سارىيىنى ئېكسكورسىيە قىلىدۇ، ئارقىدىن كىچىك بازاردىكى توردا ئالقىشلانغان مەنزىرە نۇقتىسىدا داكا قىلىپ، كەچتە بىر ئائىلە كىشىلىرى «كوئېنلۇندا ئۇچرىشىش» ناملىق چوڭ تىپتىكى ھەقىقىي مەنزىرە تىياتىرىنى كۆرىدۇ؛ يەنە ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ جىمىسار، گۇچۇڭ، مورىنى كېسىپ ئۆتىدىغان ئىككى كۈنلۈك ساياھەت لىنىيەسىمۇ بار، بۇنىڭ ئىچىدىكى شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى بالىلارنىڭ تەتقىقات-ئۆگىنىش ساياھىتىگە ماس كېلىدۇ، جىمىسار شياۋفېنزى كەنتى ۋە گۇچۇڭ جاڭبا كەنتى، مورى ناھىيەسىدىكى ئايدى كەنتىدە بىر ئائىلە كىشىلىرى يۇرت مۇھەببىتىنى ھېس قىلىپ، جىمجىتلىقنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرەلەيدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىدىغان بەش كۈنلۈك ساياھەت لىنىيەسىدىن بەشى بار بولۇپ، ئۈرۈمچىدىن بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي ۋىلايىتى قاتارلىق يۆنىلىشلەرگە بارىدىغان لىنىيەلەرنىڭ ھەممىسىدە مۇناسىۋەتلىك لىنىيە بار.



   10 لىنىيە ئىچىدە، قەشقەردىن يولغا چىقىدىغان غەربكە سەپەر خاتىرىسى . قەشقەر سەپىرىنى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچ كۈنلۈك ساياھىتىدە، تاشقورغان ناھىيەسى، داۋاكۆل قۇملۇقى قاتارلىق جايلار بار، بۇ لىنىيەدە يېمەك-ئىچمەك ئاساس قىلىنىپ، يول بويى كوچا-كويلاردىكى ئاددىي ئاشپۇزۇللار زىيارەت قىلىنىدۇ؛ قومۇلدىن يولغا چىقىدىغان يۇلتۇزلۇق تۈندە دالىدا قونۇش، داخەيداۋنى كېسىپ ئۆتۈش سۈرەتكە ئېلىش ئۈچ كۈنلۈك سەپىرىدە، باركۆل، قومۇل داخەيداۋ-خوشىڭ بازىسى، قىزىل ئارمىيە غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش خاتىرە باغچىسى قاتارلىق جايلار بار، بالىلارنى تەبىئەت شەكىللەندۈرگەن گېئولوگىيەلىك مۇزېيى بىلەن يېقىن ئارىلىقتىن ئۇچراشتۇرۇشتەك ئەڭ ئالاھىدە بولغان دەم ئېلىش تەسىراتى بۇ ساياھەت لىنىيەسىگە سىڭدۈرۈلگەن؛ غۇلجا شەھىرىدىن يولغا چىقىدىغان يايلاقتىكى گۈل دېڭىزى . ئىلى سەپىرىنى سۈرەتكە ئېلىش بەش كۈنلۈك ساياھىتىدە، ئىلى-موڭغۇلكۈرە تاشيولى، غۇلجا قازانچى، قاراجون بۈركۈت سۇپىسى ۋە كەڭساي كۆۋرۈكى قاتارلىق جايلار بولۇپ، بۇ لىنىيەدە «جۇڭگو دۆلەت جۇغراپىيەسى» ژۇرنىلى تەھرىراتى ئېلان قىلغان شىنجاڭدىكى ئەڭ گۈزەل مەنزىرىلەرنى سۈرەتكە تارتىش نۇقتىسىدىن 100ى بار. (سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)