ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2020-يىللىق جامائەت خەۋپسىزلىكى بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلاندى

2020-07-14 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ شىيانىڭ 7-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان يۇرتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2020-يىللىق جامائەت خەۋپسىزلىكى بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى تەكشۈرۈش، يۈزتۇرا ئىمتىھان ئېلىش، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ۋە بەدەن ئىقتىدارىنى باھالاش خىزمىتى باشلانغان. جامائەت خەۋپسىزلىكى بويىچە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە 16 ياشتىن يۇقىرى، 22 ياشتىن تۆۋەن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر قوبۇل قىلىنىدىكەن.

    ئىگىلىنىشىچە، تەكشۈرۈش ۋاقتى 7-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە بولىدىكەن؛ ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يۈزتۇرا ئىمتىھان، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ۋە بەدەن ئىقتىدارىنى باھالاش ۋاقتى 7-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە بولىدىكەن؛ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يۈزتۇرا ئىمتىھان، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ۋە بەدەن ئىقتىدارىنى باھالاش ۋاقتى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى(مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شىنجاڭغا ۋاقتىدا قايتالمايدىغان ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىدىكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يۈزتۇرا ئىمتىھان، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ۋە بەدەن ئىقتىدارىنى باھالاش ۋاقتى ئايرىم ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ) بولىدىكەن. يۈزتۇرا ئىمتىھان، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ۋە بەدەن ئىقتىدارىنى باھالاش خىزمىتىنىڭ ئادىل، ھەققانىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون بويىچە ئۈرۈمچى شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، قاراماي شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى قاتارلىق جايلاردا 16 سىناق نۇقتىسى تەسىس قىلىنغان.

    جامائەت خەۋپسىزلىكى مەكتەپلىرىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى كەسىپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىر تۇتاش ھالدا ئالدىنقى تۈركۈمدە قوبۇل قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. جۇڭگو خەلق جامائەت خەۋپسىزلىكى داشۆسى، جۇڭگو جىنايى ئىشلار ساقچى شۆيۈەنى(ئامانلىق ساقلاش ئىلمى، زەھەر چەكلەش ئىلمى، ساقچى ئاپشاركىسى تېخنىكا كەسپى بۇنىڭ سىرتىدا) جامائەت خەۋپسىزلىكى كەسىپلىرىگە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئارخىپ نەتىجىسى تولۇق كۇرس بويىچە 1-تۈركۈمگە قوبۇل قىلىش كونترول نومۇر چېكىگە يېتىشى كېرەك؛ جۇڭگو خەلق ساقچى داشۆسىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى كەسپى، جۇڭگو جىنايى ئىشلار ساقچى شۆيۈەنىنىڭ ئامانلىق ساقلاش ئىلمى، زەھەر چەكلەش ئىلمى، ساقچى ئاپشاركىسى تېخنىكا كەسپى ۋە تۆمۈريول ساقچى شۆيۈەنىنىڭ تولۇق كۇرس جامائەت خەۋپسىزلىكى كەسپى، نەنجىڭ ئورمان ساقچى شۆيۈەنىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى كەسپى، شىنجاڭ ساقچى شۆيۈەنىنىڭ تولۇق كۇرس كەسپىگە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئارخىپ نەتىجىسى تولۇق كۇرس بويىچە 2-تۈركۈمگە قوبۇل قىلىش كونترول نومۇر چېكىگە يېتىشى كېرەك. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھانغا تىزىملىتىش توغرىسىدىكى ئەھۋاللارنى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھانى يۇرتى ھۆكۈمەت تور بېكىتى: http://www.xjzk.gov.cnدىن سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.