شىنجاڭنىڭ 2020-يىللىق چوڭلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا 9-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە توردا تىزىملىنىدۇ

2020-08-27 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

    2020-يىللىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چوڭلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا توردا تىزىملاش 9-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئىمتىھان ۋاقتى 10-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە.

  8-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى «2020-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چوڭلار ئالىي مەكتەپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى، «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تىزىملاتقاندا، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە، شىنجاڭ مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرغۇچى ئورۇن تور بېكىتى «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى» (http://www.xjzk.gov.cn)نىڭ «چوڭلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش» (成人高考网上报名)نى چېكىپ تىزىملىتىش سىستېمىسىغا كىرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چوڭلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى سىياسەت-بەلگىلىمىلىرىنى ئىگىلەپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا ئالاقىدار ئەھۋاللىنى سۈرۈشتە قىلىپ، سىستېمىنىڭ ئەسكەرتىشى ۋە تەلىپى بويىچە، ئىمتىھانغا تىزىملىتىش شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى كىرگۈزسە بولىدۇ. بەلگىلەنگەن تەلەپ بويىچە شەخسنىڭ 2-ئەۋلاد كىملىكى، شەخسنىڭ 2-ئەۋلاد كىملىكىنى تۇتۇپ تۇرغان سۈرىتى، ئوقۇش تارىخى كىنىشكىسى، ئالاقىدار كىنىشكا (ئىسپات)نىڭ ئەسلى نۇسخىسىنىڭ سۈرىتىنى يوللاپ، شەخسنىڭ ئارزۇسىنى تولدۇرسا بولىدۇ.

  تولدۇرغاندا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرغۇچى ئورۇن تور بېكىتى «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى» (新疆招生网)دا بىرتۇتاش ئېلان قىلغان 2020-يىللىق شىنجاڭ چوڭلار ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كەسىپ مۇندەرىجىسى بويىچە ئالىي مەكتەپ ۋە كەسىپ ئارزۇسىنى تولدۇرۇشى كېرەك.

  ئىگىلىنىشىچە، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر توردا ئالدىن تىزىملاتقاندا، ئالىي مەكتەپ ۋە كەسىپ «مۇددىئا ئارزۇ»سىنى تولدۇرۇشى كېرەك ئىكەن، ھەربىر ئىمتىھان بەرگۈچى بىر ئالىي مەكتەپ ۋە بىر كەسىپ ئارزۇسىنى تولدۇرسا بولىدىكەن.

  چوڭلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 11-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە ئارزۇ تولدۇرۇش سىستېمىسىغا يەنە بىر قېتىم تىزىملىتىپ «رەسمىي ئارزۇ»سىنى تولدۇرۇشى كېرەك ئىكەن، ھەربىر ئىمتىھان بەرگۈچى بىر ئالىي مەكتەپ ۋە بىر كەسىپ ئارزۇسىنى تولدۇرسا بولىدىكەن. «رەسمىي ئارزۇ» ئىمتىھان بەرگۈچىگە ئارخىپ چىقىرىش، قوبۇل قىلىشتا ئاساس قىلىنىدىكەن. «رەسمىي ئارزۇ» بىلەن «مۇددىئا ئارزۇ»نىڭ ئۆگىنىش قاتلىمى، پەن تۈرى ئوخشاش بولۇشى كېرەك ئىكەن، تىزىملاتقان مەكتىپى ياكى كەسپى ئوخشاش بولمىسىمۇ بولىدىكەن. بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا «رەسمىي ئارزۇ»نى تولدۇرمىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ «مۇددىئا ئارزۇ»سى «رەسمىي ئارزۇ» دەپ ئېتىراپ قىلىنىدىكەن. ئىمتىھان بەرگۈچى ناۋادا مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن «رەسمىي ئارزۇ»نى تولدۇرالماي قوبۇل قىلىنالمىسا، مەسئۇلىيەتنى ئىمتىھان بەرگۈچى ئۈستىگە ئالىدىكەن.

  قوبۇل قىلىنمىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 12-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى» (新疆招生网)غا كىرىپ، جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى تاماملانمىغان ئالىي مەكتەپلەر ۋە كەسىپلەرنىڭ ئەھۋالى بويىچە «ئارزۇ توپلاش» (征集志愿)نى چېكىپ تولدۇرسا بولىدىكەن، ھەربىر ئىمتىھان بەرگۈچى بىر ئالىي مەكتەپ ۋە بىر كەسىپ ئارزۇسىنى تولدۇرسا بولىدىغان بولۇپ، ئارزۇ توپلاپ قوبۇل قىلىشتىكى ئاساس قىلىنىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چوڭلار ئالىي مەكتەپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 12-ئاينىڭ بېشىدا باشلىنىپ، 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئاياغلىشىدىكەن.