2020-يىللىق ئەسكەرلىككە تىزىملاش 8-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ

2020-08-01 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

    7-ئاينىڭ 30-كۈنى، مۇخبىرنىڭ مەملىكەتلىك ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىش تورىدىن ئىگىلىشىچە، 2020-يىللىق ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىشقا تىزىملاش ۋاقتى 8-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە بولىدىكەن.

  ئەر ئەسكەرلىككە تىزىملاش ئوبيېكتلىرى: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ(ئوتتۇرا تېخنىكوم، كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، تېخنىكوم مەكتەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى پۈتكۈزگەن ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە ياشلار(داشۆدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن 18 ياشتىن 22 ياشقىچە بولغانلار؛ ئالىي تېخنىكۇم ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن 18 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغانلار؛ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە ياشلاردىن 18 ياشتىن 20 ياشقىچە بولغانلار.

  قىز ئەسكەرلىككە تىزىملاش ئوبيېكتلىرى:

  ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئەسكەرلىككە تىزىملاش: ئادەتتىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، شۇنداقلا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلاردىن 18 ياشتىن 22 ياشقىچە بولغانلار؛ 2019-يىلى ئادەتتىكى پۈتۈن كۈنلۈك ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار 2020-يىللىق ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئايال ئەسكەر قوبۇل قىلىشقا تىزىملاتسا، ياش شەرتى 23 ياشقىچە ئۇزارتىلىدۇ.

  كېيىنكى يېرىم يىللىق ئەسكەرلىككە تىزىملاش: ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ۋە ئادەتتىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار، شۇنداقلا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلاردىن 18 ياشتىن 22 ياشقىچە بولغانلار.

   تىزىملىتىدىغانلار مەملىكەتلىك ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىش تورى (https://www.gfbzb.gov.cn/)دا تىزىملاتسا بولىدۇ.