ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى غەملىمە مەبلەغ ئۆلچىمىنى ئۆستۈرىدۇ

2020-08-11 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

كىشى بېشى مالىيە ياردەم پۇلى ھەربىر ئادەمنىڭ ھەر يىلى 550 يۈەندىن تۆۋەن بولمايدۇ

يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى، مالىيە نازارىتى، باج ئىدارىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تارماق بىرلىكتە 2020 - يىللىق شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى غەملىمە مەبلەغ ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش، كىشى بېشى مالىيە ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى يېڭىدىن 30 يۈەن كۆپەيتىش، ھەربىر ئادەمنىڭ ھەر يىلى 550 يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىق توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى.

ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركەز مالىيەسى ئاپتونوم رايونىمىزغا %80 نىسبەت بويىچە ياردەم پۇلى بېرىدۇ، قالغان قىسمىنى ئاپتونوم رايون مالىيەسى ۋە ۋىلايەت، ناھىيە مالىيەسى ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ، يەنى 2020 - يىلى مەركەز مالىيەسى ھەربىر ئادەمگە ھەر يىلى 440 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە ئاپتونوم رايونىمىزغا ياردەم پۇلى بېرىدۇ، ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەت، ناھىيەلەر 110 يۈەننى ئۈستىگە ئالىدۇ.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: پىرىنسىپ جەھەتتە شەخسلەرنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى ماس قەدەمدە 30 يۈەن ئۆستۈرۈلۈپ، ھەربىر ئادەمنىڭ يىلدا تاپشۇرىدىغان ھەققى 280 يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىققا يەتكۈزۈلىدۇ. مالىيە ياردەم پۇلى ۋە شەخسلەرنىڭ ھەق تاپشۇرۇش سەۋىيەسى دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە توشقان بىرتۇتاش غەملەش رايونلىرى ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن مەبلەغ توپلاش سەۋىيەسىنى مۇۋاپىق بېكىتسە بولىدۇ.

ئاپتونوم رايونىمىز ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاھالىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئادىل، ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، دوختۇرخانىدا يېتىش تەمىنات سەۋىيەسىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، سىياسەت دائىرىسىدە دوختۇرخانىدا يېتىش خىراجەت چىقىم نىسبىتىنىڭ %70تىن يۇقىرى بولۇشىنى مۇقىملاشتۇردى؛ ئېغىر كېسەللىك سۇغۇرتا كاپالىتى سەۋىيەسىنى مۇستەھكەملەپ، دەسلەپكى پۇل تۆلەش چېكىنى شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى چىقىم قىلىشقا بولىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ يېرىمىغا تۆۋەنلىتىپ، سىياسەت دائىرىسى ئىچىدىكى چىقىم قىلىش نىسبىتىنى %60كە ئۆستۈرۈش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈردى. ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىدا نامرات نوپۇسقا مايىللاشقان چىقىم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇسنىڭ دەسلەپكى پۇل تۆلەش چېكىنى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئادەتتىكى ئاھالىلەرنىڭكىدىن يېرىم تۆۋەنلىتىپ، چىقىم قىلىش نىسبىتىنى بەش پىرسەنت پوئېنت ئۆستۈرۈپ، يېزىلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇسنىڭ ئەڭ يۇقىرى چەك ئۆلچىمىنى ئەمەلدىن قالدۇردى. داۋالاش - قۇتقۇزۇشقا تولۇق كاپالەتلىك قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىشتا تاپشۇرىدىغان شەخسىي ھەققىگە تولۇق سوممىلىق مەبلەغ ياردىمى بېرىش، تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتى، يېزىلاردىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇسقا نورما بەلگىلەپ مەبلەغ ياردىمى بېرىش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.