شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر 9-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن، ئالىي مەكتەپلەر 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ تۈركۈمگە بۆلۈپ، ۋاقىت سۈرۈپ ئوقۇش باشلايدۇ

2020-09-03 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمى ئومۇميۈزلۈك باشلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر 9-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن باشلاپ، ئاۋۋال ئوتتۇرا مەكتەپ ئاندىن باشلانغۇچ مەكتەپ، ئاۋۋال يۇقىرى يىللىق ئاندىن تۆۋەن يىللىق تەرتىپى بويىچە تۈركۈمگە بۆلۈپ، ۋاقىت سۈرۈپ ئوقۇش باشلايدىكەن؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەر 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ مۇددەتكە ۋە تۈركۈمگە بۆلۈپ، ۋاقىت سۈرۈپ، مەكتەپ سىرتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە قايتىشقا ۋە يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نورمال مائارىپ ئوقۇتۇشى تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرىدىكەن.

   ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر قايسى جايلار، ھەر قايسى مەكتەپلەر ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ كۈز ۋە قىش پەسلىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تېخنىكا لايىھەسى(يېڭىلانغان نۇسخىسى)» ۋە «ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كۈز ۋە قىش پەسلىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تېخنىكا لايىھەسى(يېڭىلانغان نۇسخىسى)گە ئاساسەن، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر ۋە يوشۇرۇن خەۋپنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، لايىھەنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، دەسلەپكى لايىھەنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش خادىملىرىنىڭ دەل جايىدا بولۇشى، ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەرنىڭ دەل جايىدا بولۇشى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنىڭ دەل جايىدا بولۇشى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈزۈملىرى ۋە تەدبىرلىرىنىڭ دەل جايىدا بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە مائارىپ ئوقۇتۇشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.