ئاپتونوم رايوننىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى

2020-09-15 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە قانۇنى» ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»گە ئاساسەن، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى قارىشىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئېڭىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 2020 - يىلى 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى سائەت 12دە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى نۇقتىلىق شەھەرلىرىدە بىرتۇتاش ھاۋا مۇداپىئە سىگنالىنى سىناق تەرىقىسىدە بېرىشنى بېكىتتى. ھازىر ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىدەك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىمىز:

بىرىنچى، سىگنال بېرىش ۋاقتى

2020 - يىلى 9 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 12:00دىن سائەت 12:19غىچە.

ئىككىنچى، سىگنال بېرىش تۈرى

ئالدىن سىگنال: 36 سېكۇنت بېرىلىپ، 24 سېكۇنت توختايدۇ، ئۈچ قېتىم تەكرارلاش بىر دەۋر قىلىنىدۇ (ۋاقتى ئۈچ مىنۇت )؛

ھاۋا ھۇجۇمى سىگنالى: ئالتە سېكۇنت بېرىلىپ، ئالتە سېكۇنت توختايدۇ، 15 قېتىم تەكرارلاش بىر دەۋر قىلىنىدۇ (ۋاقتى ئۈچ مىنۇت)؛

سىگنالنى بىكار قىلىش: ئۇدا ئۈچ مىنۇت سىگنال بېرىلىدۇ.

ھەربىر تۈردىكى سىگنالنىڭ ۋاقىت ئارىلىقى بەش مىنۇت بولىدۇ.

ئۈچىنچى، سىگنال بېرىش دائىرىسى

ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، كۈيتۈن شەھىرى، قاراماي شەھىرى، غۇلجا شەھىرى، كورلا شەھىرى، چۆچەك شەھىرى، قومۇل شەھىرى، تۇرپان شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى، قەشقەر شەھىرى، بورتالا شەھىرى، خوتەن شەھىرى، ئاتۇش شەھىرى، ئالتاي شەھىرى، شىخو شەھىرى.

بارلىق پۇقرالار خەلق ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى تۈرىنى پەرقلەندۈرۈش ۋە پىششىق بىلىشكە دىققەت قىلىپ، نورمال تۇرمۇش، ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەت تەرتىپىنى ساقلىشى كېرەك.



شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى                    

2020 - يىلى 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى