9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يەسلىلەر تۈركۈمگە بۆلۈپ، ۋاقىت سۈرۈپ ئېچىلىدۇ

2020-09-11 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

    9-ئاينىڭ 10-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يەسلىلەر 9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، ئاۋۋال يېزا-كەنت ئاندىن شەھەر، ئاۋۋال چوڭ سىنىپ، ئوتتۇرا سىنىپ ئاندىن كىچىك سىنىپ تەرتىپى بويىچە، تۈركۈمگە بۆلۈپ، ۋاقىت سۈرۈپ تەرتىپلىك ئېچىلىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر قايسى جايلار دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «يەسلى ئاپپاراتلىرىنىڭ كۈزلۈك، قىشلىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تېخنىكا لايىھەسى(ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسى)»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى ساغلاملىق ئالاھىدىلىكى، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى بويىچە بېقىش، تەربىيەلەش ئالاھىدىلىگە بىرلەشتۈرۈپ، يەسلىلەرنى ئېچىشتىكى تۈرلۈك خىزمەت تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈشى، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپى بويىچە، مۇھىتنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش دەل جايىدا بولۇش، يەسلى ئىچى بىخەتەرلىكى دەل جايىدا بولۇش، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى تەقسىملەش دەل جايىدا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلارنىڭ شەخسىي مۇداپىئە ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.