ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ قىش پەسىللىك تىجارەت ۋاقتىنى يولغا قويىدۇ

2020-10-30 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى قاتنىشى قىشلىق تىجارەت ۋاقتىنى يولغا قويىدۇ. تۇنجى قېتىملىق ئاپتوبۇس ۋاقتى ياز پەسلى ۋاقتى ئاساسىدا 10-20 مىنۇت كېچىكتۈرۈلىدۇ؛ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئاپتوبۇس ۋاقتى ياز پەسلى ۋاقتى ئاساسىدا 20-30 مىنۇتقىچە ئالدىغا سۈرۈلىدۇ، شەھەر ئاھالىلىرى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ سىرتقا چىققاندا ۋاقىتقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى لازىم.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش گۇرۇھىنىڭ 140 ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسى (157-يول، 44-يول، 931-يول، 59-يول، 104-يول، 907-يول، 502-يول، 1-يول، 45-يول، 902-يول قاتارلىقلار) قىش پەسىللىك ۋاقىت يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىملىق ئاپتوبۇسنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى 7:30دىن 9:00غىچە بولىدۇ (شەھەر ئەتراپى لىنىيەسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئاپتوبۇسنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى: 20:30دىن 23:30غىچە بولىدۇ (شەھەر ئەتراپى لىنىيەسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاممىۋى قاتناش جېنباۋ باشى چەكلىك شىركىتىگە قاراشلىق 58 ئاممىۋى قاتناش لىنىيەسى (51-يول، 71-يول قاتارلىق)نىڭ ئوخشاش بولمىغان لىنىيەلىرىنىڭ تۇنجى ۋە ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئاپتوبۇسلىرىنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ، شەھەر رايونى لىنىيەسىنىڭ تۇنجى ئاپتوبۇسىنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى 6:30دىن 7:30گىچە، شەھەر ئەتراپىنىڭ 8:00 بولىدۇ؛ شەھەر رايونىدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئاپتوبۇسىنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى 22:00دىن 00:00گىچە، شەھەر ئەتراپى رايونىنىڭ 21:00 بولىدۇ.

ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسىنىڭ قىشلىق، يازلىق تىجارەت ۋاقتىنى يولغا قويۇش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر تېز سۈرئەتلىك ئاممىۋى قاتناش تىجارەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە قاراشلىق ھەر قايسى BRT لىنىيەلىرىنىڭ، ئاساسىي لىنىيە ۋە ئارىلىق لىنىيەلىرىنىڭ تىجارەت ۋاقتىدا پەرق بار بولۇپ، تۇنجى قېتىملىق ۋە ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئاپتوبۇسنىڭ قوزغىلىش ۋاقتىمۇ ئوخشىمايدىكەن.

BRT1 لىنىيەسى، 2-نومۇرلۇق لىنىيەسىدە تۇنجى قېتىملىق ئاپتوبۇسنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى 7:30، ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئاپتوبۇسىنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى 0:00. BRT4 لىنىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئاپتوبۇسىنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى 7:30، ماشىنىسازلىق زاۋۇتىدىن ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئاپتوبۇسىنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى 23:00، خۇڭسەندىن ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئاپتوبۇسىنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى 23:20.

BRT5 لىنىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئاپتوبۇسنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى 7:30، ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئاپتوبۇسنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى 23:20. BRT6 لىنىيەسىنىڭ شىمالىي شەھەر ئەتراپى يولۇچىلار توشۇش بېكىتىدىن تۇنجى ئاپتوبۇسنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى 7:30، لۈنتەي شەرقىي يولىدىن تۇنجى ئاپتوبۇسنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى 23:00. BRT7 لىنىيەسىنىڭ تۇنجى ئاپتوبۇسىنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى 7:20، ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئاپتوبۇسنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى 23:00.

BRT7 لىنىيەسىنىڭ تۇنجى ئاپتوبۇسنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى سىداۋچادىن 7:20، خەلق مەيدانىدىن تۇنجى قېتىملىق ئاپتوبۇسنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى 7:30، ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئاپتوبۇسنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى 23:00. BRT72 لىنىيەنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئاپتوبۇسىنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى 8:00، ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئاپتوبۇسنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى 21:00.

ئايلانما لىنىيە تېز ئاپتوبۇسى K2 يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول يېڭى ۋوگزالىنىڭ شىمالىي مەيدانىدىن تۇنجى ئاپتوبۇسنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى 6:00، جەنۇبىي ۋوگزالدىن تۇنجى ئاپتوموبىل قوزغىلىش ۋاقتى 8:00، جەنۇبىي ۋوگزالدىن ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئاپتوبۇسنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى 22:30، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈ يول يېڭى ۋوگزالىنىڭ شىمالى مەيدانىدىن ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئاپتوبۇسنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى 23:00.

ئايلانما لىنىيە تېز ئاپتوبۇسى K3نىڭ غەربىي ۋوگزالدىن تۇنجى قېتىملىق ئاپتوبۇسنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى 7:20، جەنۇبىي ۋوگزالدىن ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئاپتوبۇسىنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى 7:30. جەنۇبىي ۋوگزالدىن ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئاپتوبۇسىنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى 22:30، غەربىي ۋوگزالدىن ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئاپتوبۇسىنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى 22:10.

ئايلانما لىنىيە تېز ئاپتوبۇسى K4 سەنئەت شۆيۈەنىدىن تۇنجى قېتىملىق ئاپتوبۇسىنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى 9:00، يىنچۈەن يولىدىن تۇنجى قېتىملىق ئاپتوبۇسىنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى 9:55. سەنئەت شۆيۈەنىدىن ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئاپتوبۇسىنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى 20:00، يىنچۈەن يولىدىن ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئاپتوبۇسنىڭ قوزغىلىش ۋاقتى 21:00.