شىنجاڭنىڭ 2021-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا توردا تىزىملاش خىزمىتى باشلاندى

2020-12-17 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىرجاۋ شىياخەۋىرى): مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ 2021-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا توردا تىزىملاش خىزمىتى باشلانغان بولۇپ، 12-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاياغلىشىدىكەن.

تىزىملاش خىزمىتىدە «تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش، دەرىجىگە ئايرىپ مەسئۇل بولۇش» ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار نوپۇس تەۋەلىكى ياكى ئوقۇش تەۋەلىكى بويىچە تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، ئىمتىھان ئاپپاراتلىرى بەلگىلىگەن ئورۇندا نەق مەيداندا تىزىملاشنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە سالاھىيەت تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىشى كېرەككەن. ھەرقايسى جايلارنىڭ نەق مەيداندا تىزىملاشنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە سالاھىيەت تەكشۈرۈشنىڭ كونكرېت ۋاقتى، ئۇسۇلى ۋە تەرتىپىنى ھەرقايسى جايلار (ئوبلاست، شەھەر)دىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، ئىمتىھان ئاپپاراتلىرى مۇقىملاشتۇرغاندىن كېيىن مۇددەتتىن بۇرۇن جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدىكەن. ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار 2-ئەۋلاد كىملىكى بويىچە توردا تىزىملىتىشى كېرەككەن. تىزىملاش سالاھىيەت تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ھەرقايسى جايلاردىكى تىزىملاش ئورۇنلىرى ۋاقتىدا ئمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىغا ئىنكاس قىلىدىكەن.

ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئالىي كەسپىي مەكتەپلىرىنىڭ ئايرىم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى (بىۋاسىتە كەسىپ ئۆرلەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەمدە قوبۇل قىلىنىپ بولغان ئوقۇغۇچىلار 2021-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ۋە قوبۇل قىلىشقا قاتناشمىسىمۇ بولىدۇ.

ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى (http://www.xjzk.gov.cn)غا كىرىپ «ئاپتونوم رايوننىڭ 2021-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاش خىزمىتى بەلگىلىمىسى»نى كۆرسە بولىدۇ ھەمدە شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىنىڭ «2021-يىللىق شىنجاڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش سىستېمىسى» ئارقىلىق توردا تىزىملاتسا بولىدۇ.