2021-يىللىق يېڭى يىل، چاغانلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

2020-12-24 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

    ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى، ھەرقايسى ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە(شەھەر)لىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ھەرقايسى مەمۇرىي مەھكىمىلەر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى، ھەرقايسى بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلار:

  «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2021-يىللىق قىسمەن بايرام-دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (گ ب ئا ت〔2020〕27-نومۇرلۇق)غا ئاساسەن، 2021-يىللىق يېڭى يىل، چاغانلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ۋاقتىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇقتۇرۇشى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ.

    بىرىنچى، يېڭى يىل: 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە جەمئىي ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.

  ئىككىنچى، چاغان: 2-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىپ، دەم ئېلىش تەڭشىلىدۇ، جەمئىي يەتتە كۈن. 2-ئاينىڭ 7-كۈنى (يەكشەنبە)، 2-ئاينىڭ 20-كۈنى (شەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ.

  بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار دىجورنىلىك ۋە بىخەتەرلىك، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى مۇۋاپىق، ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئېغىر، زور تاسادىپىي ۋەقەلەرگە يولۇققاندا، بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى ھەمدە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى، خەلق ئاممىسىنىڭ بايرامنى تىنچ، خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى      

            2020-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى