13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى كېلەر يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېچىلىدۇ

2020-12-28 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12-ئاينىڭ 26-كۈنى تېلېگراممىسى13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24-قېتىملىق يىغىنى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارارنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللىدى. قارارغا ئاساسەن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ.

قاراردا تەكلىپ بېرىلگەن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ قارالمىسى تۆۋەندىكىچە: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقىش؛ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 14-بەش يىللىق يىرىك پىلانى ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسى لايىھەسىنى تەكشۈرۈش؛ 2020-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2021-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات، 2021-يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلان لايىھەسىنى تەكشۈرۈش؛ 2020-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىلەن 2021-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات، 2021-يىللىق مەركەز ۋە يەرلىك خامچوت لايىھەسىنى تەكشۈرۈش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەشكىلىي قانۇنى (تۈزىتىلمە لايىھە)»نى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى قاراپ چىقىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىش قائىدىسى (تۈزىتىلمە لايىھە)»نى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى قاراپ چىقىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقىش؛ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقىش؛ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى قاراپ چىقىش.