گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2021-يىللىق قىسمەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى

2020-11-27 :ۋاقىت
مەنبە:  تىيانشان تورى

 گ ب ئا ت202027-نومۇرلۇق

  ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، گوۋۇيۈەننىڭ مىنىستىرلىقلىرى، كومىتېتلىرى، بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى:

  گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 2021-يىللىق يېڭى يىل، چاغان، چىڭمىڭ بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۇەنۋۇ بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمى ۋە دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ۋاقتىنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇقتۇرۇشى تۆۋەندىكىچە.

  1. يېڭى يىل: 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، جەمئىي ئۈچ كۈن.

  2. چاغان: 2-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىپ، دەم ئېلىش تەڭشىلىدۇ،جەمئىي يەتتە كۈن. 2 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى (يەكشەنبە)، 2 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى (شەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ.

  3.چىڭمىڭ بايرىمى: 4-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىپ، دەم ئېلىش تەڭشىلىدۇ. جەمئىي ئۈچ كۈن.

  4. ئەمگەكچىلەر بايرىمى: 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىپ، دەم ئېلىش تەڭشىلىدۇ،جەمئىي بەش كۈن. 4 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى (يەكشەنبە)، 5 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى (شەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ.

  5. دۇەنۋۇ بايرىمى: 6 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنىدىن 14 ـ كۈنىگىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، جەمئىي ئۈچ كۈن.

  6. جۇڭچيۇ بايرىمى: 9 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنىدىن 21 ـ كۈنىگىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىپ، دەم ئېلىش تەڭشىلىدۇ،جەمئىي ئۈچ كۈن. 9 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى (شەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ.

  7. دۆلەت بايرىمى: 10 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن 7 ـ كۈنىگىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىپ، دەم ئېلىش تەڭشىلىدۇ، جەمئىي يەتتە كۈن. 9 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى (يەكشەنبە)، 10 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى (شەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ.

  بايرام، دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار نۆۋەتچىلىك ۋە بىخەتەرلىك، قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى مۇۋاپىق ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئېغىر، زور تاسادىپىي ۋەقەلەرگە يولۇققاندا، بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ ھەم مۇۋاپىق بىرتەرەپ قىلىپ، ئاممىنىڭ بايرام-دەم ئېلىش مەزگىلىنى ئاسايىشلىق ئىچىدە، تىنچ-ئامان ئۆتكۈزۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى               

2020-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى