ئاپتونوم رايون چاغانلىق بىخەتەرلىك ئەسكەرتىشىنى ئېلان قىلدى

2021-01-29 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

 تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرۋاڭ جىڭجىڭ،ئىختىيارىي مۇخبىرليۇ جياچىخەۋىرى): چاغان مەزگىلىدە، ماسكىنى ياخشى تاقاپ يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىكىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، يەنە قايسى بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا دىققەت قىلىش كېرەك؟ يۇرتقا قايتىش سەپىرىدە، ساياھەتكە بېرىش يولىدا، تەتىل قويۇپ بېرىلگەن ئوقۇغۇچىلار نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟ يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاپەتنى ئازايتىش كومىتېتى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش نازارىتى بىرلىكتە چاغانلىق خەۋپسىزلىك خەۋپ-خەتىرى ئەسكەرتىشىنى ئېلان قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت ئاممىسىنى بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىپ، خۇشال-خۇرام چاغان ئۆتكۈزۈشكە ئەسكەرتتى.

  چاغان مەزگىلىدە، ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتى زور بولىدۇ. نۆۋەتتە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئەھۋالىدا تارقاق ۋە قىسمەن توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇم ئارىلىشىپ كېتىش، ئۈستىلىنىش ئەھۋالى روشەن بولماقتا، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتى كەسكىن، مۇرەككەپ بولماقتا، كۆپچىلىك دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئاكتىپ ماسلىشىپ، ئالاقىدار سورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىك بەلگىلىمىلىرىگە قاتتىق رېئايە قىلىشى كېرەك. قىسمەن خادىملار قىستاڭچىلىق ئەھۋالىغا يولۇققاندا ئەتراپتا قاراپ تۇرماسلىق، توختاش ۋاقتىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش كېرەك.

  ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، ناۋادا ئادەملەر قىستالغان ئەھۋالغا يولۇققاندا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئادەملەرنىڭ مېڭىش يۆنىلىشى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، قارشى يۆنىلىشتە ماڭماسلىق كېرەك، يولغا ھەرۋاقىت دىققەت قىلىپ، پۇتلىشىپ يېقىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  يۇرتقا قايتىش سەپىرىدە، يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى، ھاۋارايىغا كۆپرەك دىققەت قىلىش كېرەك، ناۋادا قار يېغىش، بوران، تېمپېراتۇرا زور دەرىجىدە تۆۋەنلەش قارارلىق ناچار ھاۋارايى كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بولسا، يول يۈرۈشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش، دالا پائالىيىتىگە چىققاندا، ئەتراپتىكى خەۋپسىزلىك خەۋپ-خەتىرىگە دىققەت قىلىپ، خەتەرلىك رايوندىن يىراق تۇرۇش كېرەك، قار-مۇزلۇق ھاۋا رايىدا ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ھەرۋاقىت يول ئەھۋالىغا دىققەت قىلىپ، سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ يول يۈرۈپ، ئالدىدىكى ئاپتوموبىل بىلەن بىخەتەر ئارىلىق ساقلاش كېرەك.

  نۆۋەتتە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تەتىلگە قويۇپ بېرىلدى، قار تېيىلىش، مۇز تېيىلىش پائالىيەتلىرى كۆپ بولىدۇ، يېقىلىپ يارىلىنىش، تۇنجۇقۇپ قېلىش قاتارلىق خەۋپ-خەتەر ئامىللىرىمۇ كۆپىيىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ كۈندىلىك پائالىيەت ئىزلىرىغا ھەرۋاقىت دىققەت قىلىپ، بالىلارنى توسما، سۇ ئامبىرى، دەريا يولى قاتارلىق خەتەرلىك رايونلاردا قار تېيىلىش، مۇز تېيىلىشقا بارماسلىققا تەربىيە قىلىپ، بالىلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  بۇنىڭدىن باشقا، قىش، ئەتىياز پەسىللىك ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش، كاربون چالا ئوكسېدىدىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش كېرەك. تۇرمۇشتا ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى توغرا ئىشلىتىپ، توك سىملىرىنى خالىغانچە ئۇلىۋالماسلىق، پەۋقۇلئاددە ئاشۇرۇپ توك ئىشلەتمەسلىك، ئۈسكۈنە ۋە لىنىيەدە كونىراپ كېتىش قاتارلىق بىخەتەرلىك يوشۇرۇن ئامىللىرى كۆرۈلسە ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش كېرەك؛ گاز ئىشلىتىپ تاماق ئەتكەندە، ئۇزاق ۋاقىت ئوچاقتىن يىراق كەتمەسلىك، ئۆيدىن ئۇزاق ئايرىلماقچى بولغاندا، گازنىڭ قاپقىقىنى ئېتىۋېتىش كېرەك؛ كۆمۈر قالايدىغان ئوچاقتا پار بىلەن تەمىنلىگەندە ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەر بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تۇرۇبا يوللىىرنىڭ پاكىز، راۋانلىقىنى ساقلاش كېرەك، ئۆي ئىچى سورۇنلىرىنىڭ ۋاقتىدا دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، ھاۋانىڭ ساپلىقىنى ساقلاش كېرەك؛ دالا سىرتىدا بەلگىلىمىگە خىلاپ ئوت ئىشلىتىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق چەكلەپ، ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون ئېلان قىلغان چاغانلىق بىخەتەرلىك ئەسكەرتىشىدە يەنە مۇنۇلار ئالاھىدە تەكىتلەندى: چاغانلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىشتىن ئىلگىرى كارخانىلار ئەڭ ئاخىرقى بىر نۆۋەت قۇرۇلۇش مۇددىتى ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، خىزمەتچى خادىملار ئۆيگە قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈشكە ئالدىراپ، ئىدىيەدە ئاسانلا بوشاڭلىق قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، نۇرغۇن كارخانىلار چوڭ كۆلەمدە رېمونت قىلىش ياكى ئۈسكۈنە، قۇرۇلمىلارنى تەكشۈرۈشكە باشلايدۇ، بىخەتەرلىك ۋەقەلىرىنىڭ خەۋپ-خەتىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى چاغاندىن ئىلگىرىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىخەتەرلىك كىرىچىنى چىڭىتىپ، بىخەتەرلىك لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەپ، بىخەتەرلىك تەلىم-تەربىيەسىنى ياخشى ئىشلەش، يوشۇرۇن ئامىللارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ تۈزەش، خەۋپ-خەتەرنى تەھلىل قىلىپ باشقۇرۇش-تىزگىنلەش قاتارلىق بىخەتەرلىك باشقۇرۇش نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، ياخشى بولغان چاغاندىن ئىلگىرىكى بىخەتەر خىزمەت مۇھىتى يارىتىش كېرەك.