جايلارنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى ھەقسىز بېلەت قايتۇرۇش تەدبىرىنى يولغا قويدى

2021-01-07 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

 شىنخۇا تورى خەۋىرى:يېقىندا مەملىكەتنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا كۆرۈلگەن يۇقۇم ۋە قىسمەن توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇمغا قارىتا، جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەرگە ماسلىشىپ خادىملارنىڭ يۆتكىلىشىنى ئازايتىش، سەپەر خەۋپ-خەتىرىنى ئازايتىش، كىشىلەرنىڭ توپلىشىشىنى ئازايتىپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، تۆمۈريول تارماقلىرى يولۇچىلار پويىزىنىڭ بېلىتىنى قايتۇرۇش بەلگىلىمىسىنى تۆۋەندىكىدەك تەڭشىدى: 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 0 دىن باشلاپ، يولۇچىلار ۋوگزال، تۆمۈريول 12306 تور بېكىتى (يان تېلفون تېرمىنالىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قاتارلىق ھەرقايسى يوللاردا 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 24تىن بۇرۇن سېتىۋالغان پويىزنىڭ بېلىتىنى قايتۇرغاندا، بېلەت قايتۇرۇش رەسىمىيەت ھەققى ئېلىنمايدۇ، سېتىۋالغان تۆمۈريول يولۇچىلار كۈتۈلمىگەن ھادىسە سۇغۇرتىسى بىرلىكتە بېجىرىلىدۇ. (مۇخبىر فەن شى، جوۋ يۈەن)