2022-يىلى «1-ماي» بايراملىق دەم ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇشى كەلدى! خىزمەت ۋاقتى تەڭشىلىپ، جەمئىي بەش كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ

2022-04-13 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

    جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، 2022-يىلى «1-ماي» بايراملىق دەم ئېلىش ۋاقتى مۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلغان: 4-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە جەمئىي بەش كۈن. 4-ئاينىڭ 24-كۈنى (يەكشەنبە)، 5-ئاينىڭ 7-كۈنى (شەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.

    كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىغا مۇنۇلارنى ئەسكەرتىمىز: شەخسىي مۇداپىئەنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەڭ، زۆرۈر بولمىسا ئۆز جايىڭىزدىن ئايرىلماڭ، خەۋپ-خەتەر دەرىجىسى ئوتتۇرا ھال، يۇقىرى رايونلارغا بارماڭ، زۆرۈر بولمىغان يىغىلىش، ئوپچە غىزالىنىشنى ئازايتىڭ، ماسكا تاقاش، قولنى پات-پات يۇيۇش قاتارلىق دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئىشلەڭ.