شىنجاڭدىكى تۇنجى ئېگىزلىك ئايرودۇرۇمى موڭغۇلكۈرە تيەنما ئايرودۇرۇمىدا قاتناش باشلاندى

2022-04-24 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى سائەت 10دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۇچۇشنى ئىجرا قىلغان ئۈرۈمچى - موڭغۇلكۈرە CZ6681 نۆۋەتچى ئايروپىلانى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا موڭغۇلكۈرە تيەنما ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ باردى، بۇ، شىنجاڭدىكى تۇنجى ئېگىزلىك ئايرودۇرۇمىدا رەسمىي قاتناش باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. □پۇ جىچياڭ فوتوسى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى سائەت 10دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ CZ6681 نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ موڭغۇلكۈرە تيەنما ئايرودۇرۇمىغا سىلىق قونۇشى بىلەن، شىنجاڭدىكى تۇنجى ئېگىزلىك ئايرودۇرۇمىدا رەسمىي قاتناش باشلاندى.

موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، «جۇڭگو تۇلپار ماكانى» «جۇڭگو قىچا ماكانى» «جۇڭگو قوڭۇر كالا ماكانى» «جۇڭگو ھەسەن - ھۈسەن ماكانى» دەپ تەرىپلىنىدۇ، ئۇ، دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى، تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەتنىڭ پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، مەملىكەت بويىچە ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى... ئۆزگىچە ساياھەت بايلىقىغا ئىگە، ھەر يىلى نۇرغۇن ساياھەتچىنى ساياھەت قىلىش، ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا جەلپ قىلىدۇ. موڭغۇلكۈرە تيەنما ئايرودۇرۇمىنىڭ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈشى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ ئىلى قاتنىشىنىڭ «ئاخىرقى ئۇچ» بولۇش تارىخىغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىپ، تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان «بوشلۇق يولى»نى تۇتاشتۇرۇپ، ئىستېرېئولۇق قاتناش تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى ۋە خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ شىنجاڭدىن چىقىشى ئۈچۈن بوشلۇق كۆۋرۈكى سېلىپ بەردى.

تۇنجى نۆۋەتلىك ئايروپىلانغا ئولتۇرغان يولۇچىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللانغۇچى سۈي يۈجى بىر ھەپتە بۇرۇن ئايروپىلان بېلىتىنى زاكاز قىلغان بولۇپ، ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «مەن ھەر يىلى موڭغۇلكۈرەگە ساياھەتكە كېلىمەن، ئاپتوموبىلدا ئولتۇرۇش ۋاقتى ئۇزاق بولغاچقا، ھەر قېتىم ناھايىتى چارچاپ كېتەتتىم. ھازىر، ئايروپىلانغا ئولتۇرغىلى بولىدىغان بولدى، قولايلىق ھەم راھەت بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن مەن تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى ئېلىپ كېلىمەن».

تۇنجى نۆۋەتلىك نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ يۈرۈشىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا «قوش ئايروپىلان باشلىقى» ئەۋەتتى. ئۇچۇشنى ئىجرا قىلغۇچى ئايروپىلان باشلىقى خۇ شىيۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: موڭغۇلكۈرە ئايرودۇرۇمى دېڭىز يۈزىدىن بىرقەدەر ئېگىز، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز رايونلارنىڭ ھاۋاسى شالاڭ بولۇپ، ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ئارىلىقى ھەم قونۇش ئارىلىقىنى كۆرۈنەرلىك ئۇزارتىۋېتىدۇ، باشقۇرۇش ئالاھىدىلىكى تۈزلەڭلىك ئايرودۇرۇمىنىڭكى بىلەن ئازراق ئوخشىمايدۇ، بۇ ئالاھىدىلىكلەرگە قارىتا شىركەت ئالدىن لايىھە تۈزدى.

«ئايرودۇرۇم ئايروپىلان كۈتۈش رايونى تۈرى قۇرۇلۇشى 160 قېتىمدىن ئارتۇق يامغۇرلۇق ھاۋارايىنى باشتىن كەچۈردى، بىز گېئولوگىيەلىك شارائىتى مۇرەككەپ بولۇش، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز بولۇش قاتارلىق مۇھىت تەسىرلىرىنى يېڭىپ، يېڭىلىق يارىتىلغان تېخنىكىنى قوللىنىپ قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىدۇق» دېدى جۇڭگو بىناكارلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ بىناكارلىق - قۇرۇلۇش (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى 1 - قۇرۇلۇش شىركىتى موڭغۇلكۈرە ئايرودۇرۇمى ئايروپىلان كۈتۈش رايونى تۈرىنىڭ دىرېكتورى ۋاڭ جىڭتۇڭ.

موڭغۇلكۈرە تيەنما ئايرودۇرۇمى شىنجاڭدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن 23 - پۇقراۋى تىرانسپورت ئايرودۇرۇمى بولۇپ، 2019 - يىلى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى رەسمىي قۇرۇلۇش باشلانغان، 2025 - يىلى يولۇچى توشۇش مىقدارى 200 مىڭ ئادەم قېتىم، يۈك توشۇش مىقدارى 600 توننا، ئايروپىلان ئۇچۇش - قونۇش مىقدارى 2600 ئايروپىلان قېتىم بولۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش نىشانى بويىچە لايىھەلىنىپ قۇرۇلغان. نۆۋەتتە، موڭغۇلكۈرەدىن ئۈرۈمچىگە ھەر ھەپتىدە ئۈچ نۆۋەت نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدىغان بولۇپ، بۇ دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنىڭ تېخىمۇ قولايلىق ھالدا موڭغۇلكۈرەگە بىۋاسىتە يېتىپ بېرىشىغا پايدىلىق بولىدۇ.