شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرلارنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارمىقىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ 2022 - يىللىق جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر قوبۇل قىلىش بويىچە يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسى، يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى ۋە يۈزتۇرا ئىمتىھانغا كىرىش ئەھۋالى ئېلان قىلىنغان.
ئۆلكە، شەھەر دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تۈرىدىكى خىزمەت ئورنىغا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 105 نومۇر. بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى خىزمەت ئورنىغا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 90 نومۇر. ناھىيە، يېزا ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تۈرىدىكى خىزمەت ئورنىغا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 95 نومۇر. بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە ئاپتونوم رايوندىكى 5 -، 6 - تۈردىكى جاپالىق، چەت، يىراق رايونلار ھەم چېگرا بويىدىكى ناھىيە - شەھەرلەردىكى خىزمەت ئورنىغا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 85 نومۇر. تۈرمە سىستېمىسىنىڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈرىدىكى خىزمەت ئورنىغا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 95 نومۇر. بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە ئاپتونوم رايوندىكى 5 -، 6 - تۈردىكى جاپالىق، چەت، يىراق رايونلار ھەم چېگرا بويىدىكى ناھىيە - شەھەرلەردىكى خىزمەت ئورنىغا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 85 نومۇر. ئۆلكە، شەھەر دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تۈرىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ خەلق ساقچىسىلىق ۋە سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەدلىيە ساقچىسىلىق خىزمەت ئورنىغا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 165 نومۇر. بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 5 -، 6 - تۈردىكى جاپالىق، چەت، يىراق رايونلار ھەم چېگرا بويىدىكى ناھىيە - شەھەرلەردىكى خىزمەت ئورنىغا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 125 نومۇر. مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈرىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ خەلق ساقچىسىلىق ۋە سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەدلىيە ساقچىسىلىق خىزمەت ئورنىغا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 150 نومۇر. بۇنىڭ ئىچىدە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ 5 -، 6 - تۈردىكى جاپالىق، چەت، يىراق رايونلار ھەم چېگرا بويىدىكى ناھىيە - شەھەرلەردىكى خىزمەت ئورۇنلىرىغا ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 125 نومۇر. بۇنىڭدىن باشقا، بىر پەندىن ئىمتىھانغا قاتناشمىغانلار، «دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ئاساسىي بىلىملىرى» ھەم سالاھىيەت تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەر يۈزتۇرا ئىمتىھانغا كىرەلمەيدۇ.
يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكىگە يەتكەن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىچىدىن يېزىقچە ئىمتىھان ئومۇمىي نەتىجىسىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىك تەرتىپى، ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان خىزمەت ئورنىغا قويۇلغان چەكلىمىگە مۇناسىپ كەلگەنلەرنىڭ نىسبىتى بويىچە يۈزتۇرا ئىمتىھانغا كىرىدىغانلارنىڭ نامزاتى بېكىتىلىدۇ. بەلگىلەنگەن نىسبەتكە يەتمىگەن خىزمەت ئورۇنلىرىغا قوبۇل قىلىشتا ئەمەلىي ئادەم سانىغا ئاساسەن يۈزتۇرا ئىمتىھان ئېلىنىدۇ.
ئاپتونوم رايون تاللاپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش نومۇر چېكى 100 نومۇر؛ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش ئەڭ تۆۋەن نومۇر چېكى 90 نومۇر.
يۈزتۇرا ئىمتىھانغا كىرگەنلەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش، يۈزتۇرا ئىمتىھان ۋاقتى، ئورنى، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇش لىنىيەسى ھەم ئالاقىلىشىش شەكلى قاتارلىق تەپسىلىي ئەھۋاللار ئايرىم ئۇقتۇرۇلىدۇ، كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزى تور بېكىتى ئېلان قىلغان ئۇچۇرغا دىققەت قىلغايسىلەر.