7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ

2022-06-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى


تۇنجى قېتىم «تور + تور سىرتى» ئەندىزىسى قوللىنىلىدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى كاتىبات باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، سودا مىنىستىرلىقى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلار مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدىغان 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن ھەم تۇنجى قېتىم «تور+تور سىرتى» ئەندىزىسى قوللىنىلىدىكەن.

7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە «ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش، ھەمكارلىشىپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىش» باش تېما قىلىنىدۇ. كۆرگەزمىدە تور سىرتىدىكى ئەمەلىي كۆرگەزمە ئاساس قىلىنىپ، توردىكى كۆرگەزمە ماس قەدەمدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، كۆرگەزمىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 90 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى كۆرگەزمە رايونى، خەلقئارا ھەم شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن كۆرگەزمە رايونى، تاۋار سودىسى كۆرگەزمە رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، تاۋار سودىسى كۆرگەزمە رايونى رەقەملەشكەن ھەم يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق جابدۇقلار، ئېنېرگىيە كەسپى، ئاممىۋى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە سەھىيە - داۋالاش قاتارلىق سەككىز كۆرگەزمە تېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئۇچۇرلاشتۇرۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق تور سىرتىدا تەسىس قىلىنىدىغان ئاساسىي يىغىن مەيدانىغا توردىكى يىغىن سۇپىسى ۋە توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، «بۇلۇت يىغىنى، بۇلۇت كۆرگەزمىسى، بۇلۇت سۆھبىتى، بۇلۇت بىۋاسىتە تارقىتىش»نى قانات يايدۇرۇپ، كۆپ تەرەپ توردا پىكىر ئالماشتۇرۇش، تونۇشتۇرۇش، سۆھبەتلىشىش، ئېلان قىلىش ھەم ئۇدۇللاشتۇرۇش قاتارلىق مەقسەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. مۇنبەر پائالىيىتى «تور+تور سىرتى» شەكلى قوللىنىلىپ ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە تىيانشان مۇنبىرى (ئاساسىي مۇنبەر) قاتارلىق مۇھىم پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلگەندىن سىرت، يەنە پاراللېل مۇنبەر − يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ تەرەققىياتى باشلىقلار مۇنبىرى، رەقەملىك يىپەك يولى ھەم رەقەملىك شىنجاڭ باشلىقلار مۇنبىرى قاتارلىق ئون مەيدان مەخسۇس تېمىلىق مۇنبەر، جۇڭگو - چەت ئەل مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىش ھەپتىلىكى، ئاسىيا - ياۋروپا خەلقئارا مودا كىيىم ھەپتىلىكى ھەم شىنجاڭ توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك لايىھەلەش مۇسابىقىسى قاتارلىق تۆت مەيدان مەخسۇس تېمىلىق پائالىيەت، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش نۇقتىلىق تۈرلىرىدە كېلىشىم ئىمزالاش ۋە بىرقانچە مەيدان چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى قاتارلىقلار ئۆتكۈزۈلىدۇ.

نۆۋەتتە، 7 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتى تاماملاندى، 6 - ئاينىڭ ئاخىرىدا كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان كارخانىلارنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ تورغا چىقىرىش باشلىنىدۇ؛ چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى سودىگەر چاقىرىش - كۆرگەزمىگە تەشكىللەش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابلىرى، خەلقئارادىكى ھەمكارلاشقۇچى ئورۇنلارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، كۆرگەزمىگە چاقىرىش ۋەزىپىسىنىڭ 70ى تاماملاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۈتۈۋېلىش، شەھەر ئۇنىۋېرسال كاپالىتى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرمۇ ئومۇميۈزلۈك باشلاندى.