ئاپتونوم رايوننىڭ 2022-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ھەرقايسى ئىمتىھان رايونلىرىنىڭ مەسلىھەت سوراش، پاش قىلىش تېلېفونى ئېلان قىلىندى

2022-06-07 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى

  مەسلىھەت بېرىش، پاش قىلىش يوللىرىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئادىل، ھەققانىي بولۇشىنى قوغداش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ئىمتىھان رايونلىرى 2022-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەسلىھەت بېرىش، پاش قىلىش تېلېفونى تەسىس قىلىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ مەسلىھەت سورىشىغا قولايلىق ياراتتى، ئەگەر 2022-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا چېتىلىدىغان مەسىلە يىپ ئۇچى بولسا، ۋاقتىدا پاش قىلىپ ئىنكاس قىلسا بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ ئىمتىھان مەھكىمىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە پاش قىلىنغان يىپ ئۇچىغا ئاساسەن بىرىنچى ۋاقىتتا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئادىل، ھەققانىي بولۇشىنى قەتئىي قوغدايدۇ.