ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي بۈگۈن ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ئېچىۋېتىلدى

2022-07-14 :ۋاقىت
مەنبە: تىيانشان تورى



شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي يېقىندا 1- ۋە 2- قارارلىق قۇرۇلۇش ئىقتىدارىنى ئۇلاپ تەڭشىدى ۋە ئىچكى قىسمىنى رېمونت قىلدى، نۆۋەتتە رېمونت قىلىنىپ بولدى. 7- ئاينىڭ 14- كۈنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ئېچىۋېتىلدى، مۇزېينى ئېچىۋېتىشكە ئالاقىدار ئىشلار تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇلدى:

  بىرىنچى، ئېچىلىش ۋاقتى

  ھەر سەيشەنبىدىن يەكشەنبىگىچە

  10:30دىن 19:00غىچە

  (سائەت 18:00دە مۇزېيغا كىرىش توختىتىلىدۇ)

  ھەر دۈشەنبە كۈنى تاقىلىدۇ

  ئىككىنچى، ئېكسكۇرسىيە قىلىشنى ئالدىن كېلىشىش ئۇسۇلى

  ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينى ھۆكۈمەت تەرەپ ۋېيشىندا ئالدىن كېلىشىش شەكلى ئارقىلىق ئېكسكۇرسىيە قىلىش يولغا قويۇلىدۇ، مۇزېيغا تېز كىرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت تەرەپ ۋېيشىنى − «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي»دا ئالدىن كېلىشىش كېرەك. كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېكسكۇرسىيە ۋاقتىنى بىر سائەت ئىچىدە تىزگىنلەپ، توپلىشىۋېلىشتىن ساقلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. كۆرگەزمە زالىدا كۆرگۈچىلەر بىرقەدەر كۆپ بولغان چاغدا، مۇزېي ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن مۇزېيغا كىرىش سۈرئىتىنى تىزگىنلەش، راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ.

  ئۈچىنچى، سارايغا كىرىشتە قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ

  1. ئۆچرەتتە تۇرۇپ ساقلاش مەزگىلىدە ماسكا تاقاش، بىر مېتىردىن ئارتۇق بىخەتەر ئارىلىق ساقلاش، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش، تېمپېراتۇرا ئۆلچەش ۋە تىزىملاشقا ماسلىشىش كېرەك. بىخەتەر ئارىلىقنى ساقلاش، توپلاشماسلىق، يىغىلىۋالماسلىق كېرەك.

  2. ئەگەر بەدەن تېمپېراتۇرىسى نورمالسىز (℃37.2 تىن يۇقىرى ياكى شۇنىڭغا تەڭ) بولسا ياكى يۆتىلىش، نەپەس تېزلىشىش، دېمى سىقىلىش قاتارلىق نورمالسىز ئەھۋاللار كۆرۈلسە، كۆرگۈچىلەرنىڭ سارايغا كىرىشى رەت قىلىنىدۇ، ئەگەر ئوتتۇرا، يۇقىرى خەتەرلىك رايونلاردىن كەلگەنلەر بولسا، ئۇلارنىڭ سارايغا كىرىشى رەت قىلىنىدۇ.

  3. شەخسىي ئېكسكۇرسىيە قىلىش: ئىككىلىك كود، كىملىك، مۇساپە كودى، ساغلاملىق كودىنى ئالدىن تەييارلاپ ئالدىن كېلىشىش كېرەك، بارلىق ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلار 24 سائەت ئىچىدە قىلغان خېسۇەن ئېلېكتىرونلۇق دوكلاتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

  4. كوللېكتىپ ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلار ھۆكۈمەت تەرەپ ۋېيشىنى − «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي»دا ئالدىن كېلىشىشى كېرەك، مۇزېيدىكى كۆرگۈچىلەرنىڭ سانىغا ئاساسەن كوللېكتىپ ئېكسكۇرسىيە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئالدىن كېلىشىش جەريانىدا كوللېكتىپنىڭ ساياھەت تارىخى، خېسۇەن قىلىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئەينەن ئېيتىشى كېرەك.

  تۆتىنچى، مۇزېيدىكىلەرنىڭ سانىنى تىزگىنلەش

  مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، مۇزېي كۆرگۈچىلەرنىڭ سانىغا قارىتا «ئادەم ئېقىمىغا چەك قويۇش، ۋاقىتقا چەك قويۇش، يۇقىرى پەللە مەزگىلى بىلەن تاقاشتۇرۇپ قويماسلىق» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كۆرگۈچىلەرنىڭ توپلىشىۋېلىش ۋە يىغىلىۋېلىشىدىن ساقلىنىدۇ. كۆرگۈچى دوستلار ئاڭلىق ھالدا بىر مېتىردىن ئارتۇق بىخەتەر ئارىلىقنى ساقلاپ، مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلىش مۇھىتى ۋە تەرتىپىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك.

  بەشىنچى، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسى ئېلان قىلغان ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا ھەر ۋاقىت دىققەت قىلىشىنى ھەمدە چۈشىنىشى ۋە ماسلىشىشىنى سورايمىز.

  تېلېفون : 0991-4552826، 0991-4536436

  قاتناش : 7- يول، 51- يول، 68- يول، 912- يول، 305- يول ئاپتوبۇسلىرىغا ئولتۇرۇپ بارغىلى بولىدۇ.

  پايدىلانغان مەنبە: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسى