ئاممىنىڭ يۇقۇمغا ئالاقىدار قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس ـ تەلىپىنى ھەرتەرەپلىمە ھەل قىلىش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش

2022-10-03 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى



ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى يەنىمۇ ياخشى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ھەم ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر(شى، شەھەر)لەر ئاممىنىڭ يۇقۇمغا ئالاقىدار ھەرقايسى تەرەپلەردىكى قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس ـ تەلەپلىرىنى ھەل قىلىش بويىچە ماسلىشىپ، بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورناتتى. ھازىر ئالاقىدار ئىشلارنى تۆۋەندىكىدەك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىمىز:

يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، ئامما ئۆزلىرى ھەل قىلىشقا ئامالسىز قالغان ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش جەھەتتىكى قىيىنچىلىق ۋە ئىلتىماس ـ تەلەپلەرنى خەلق تورىنىڭ رەھبەرلەرگە سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسى، «ئانار بۇلۇت 12345تە تەدبىر سوراش» سۆز قالدۇرۇش سەھىپىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ 12345 ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى خەلققە قولايلىق قىزىق لىنىيە سۇپىسى، تور ئەرزىيەت سۇپىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ «ئالاقە تورى + تەكشۈرۈش» سۇپىسى ھەم شىنگۇاڭ شىڭفېڭ قىزىق لىنىيەسى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ئىنكاس قىلسا بولىدۇ. بىز شۇنداق ۋەدە بېرىمىزكى، ئاممىنىڭ يۇقۇمغا ئالاقىدار مۇۋاپىق ئىلتىماس ـ تەلىپىگە قارىتا، «قوبۇل قىلىش ـ بېجىرىش ـ قايتما ئىنكاس قىلىش ـ قايتا زىيارەت قىلىش» يېپىق ھالقىلىق خىزمەت تەرتىپىگە ئاساسەن قانۇن ـ بەلگىلىمە بويىچە چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە بېجىرىپ، 24 سائەت ئىچىدە قايتما ئىنكاس قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ھەممە ئىشنىڭ نەتىجىسى بولۇش، ھەربىر ئىشقا ئىنكاس قايتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.



جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى      

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى                         

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بەنگۇڭتىڭى                            

2022 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى