2023- يىللىق بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە قىشلىق، يازلىق مەشغۇلات ۋاقتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

2022-12-30 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ ھۆكۈمەت تورى

ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيەلىك(شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مەمۇرىي مەھكىمىلەر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تارماقلىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى:

   «گوۋۇيۈەننىڭ ‹مەملىكەت بويىچە يىللىق بايرام ھەم خاتىرە كۈنلەردە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش چارىسى›گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»(گوۋۇيۈەننىڭ 644- نومۇرلۇق پەرمانى)، «گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ 2023- يىلىدىكى قىسمەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»(گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ [2022] 16- نومۇرلۇق ئوچۇق تېلېگراممىسى) ۋە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ <شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ- ئادەت بايراملىرىدا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش چارىسى>گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»(ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 174- نومۇرلۇق پەرمانى)غا ئاساسەن، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2023- يىللىق بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ۋاقتى ۋە قىشلىق، يازلىق دەم ئېلىش ۋاقتىنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇش قىلىمىز.

   1. بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇشى

   1) يېڭى يىل: 2022- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن 2023- يىلى 1- ئاينىڭ 2- كۈنىگىچە 3 كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىپ، دەم ئېلىش تەڭشىلىدۇ.

   2) چاغان : 1- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن 27- كۈنىگىچە جەمئىي7 كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىپ، دەم ئېلىش تەڭشىلىدۇ. 1- ئاينىڭ 28- كۈنى (شەنبە)، 29- كۈنى (يەكشەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ.

   3) چىڭمىڭ بايرىمى: 4- ئاينىڭ 5- كۈنى 1 كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.

   4) روزا ھېيت: 4- ئاينىڭ 22- كۈنى روزا ھېيت، 4- ئاينىڭ 21- كۈنى 1 كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىپ، دەم ئېلىش تەڭشىلىدۇ.

   5) ئەمگەكچىلەر بايرىمى: 4- ئاينىڭ 29- كۈنىدىن 5- ئاينىڭ 3- كۈنىگىچە جەمئىي 5 كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىپ، دەم ئېلىش تەڭشىلىدۇ.  4- ئاينىڭ 23- كۈنى (يەكشەنبە)، 5- ئاينىڭ 6- كۈنى (شەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ.

   6) دۇەنۋۇ بايرىمى: 6- ئاينىڭ 22- كۈنىدىن 24- كۈنىگىچە جەمئىي 3 كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىپ، دەم ئېلىش تەڭشىلىدۇ. 6- ئاينىڭ 25- كۈنى (يەكشەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ.

   7) قۇربان ھېيت: 6- ئاينىڭ 29- كۈنى قۇربان ھېيت، 6- ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن 30- كۈنىگىچە جەمئىي 3 كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.

   8) جۇڭچيۇ بايرىمى، دۆلەت بايرىمى: 9- ئاينىڭ 29- كۈنىدىن 10- ئاينىڭ 6- كۈنىگىچە جەمئىي 8 كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىپ، دەم ئېلىش تەڭشىلىدۇ. . 10- ئاينىڭ 7- كۈنى (شەنبە)، 10- ئاينىڭ 8- كۈنى (يەكشەنبە) خىزمەت قىلىنىدۇ.

   2. قىشلىق، يازلىق مەشغۇلات ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش

   1) يازلىق مەشغۇلات ۋاقتى: 2023- يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يازلىق مەشغۇلات ۋاقتى يولغا قويۇلىدۇ، خىزمەت ۋاقتى: چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00دىن 14:00كىچە، چۈشتىن كېيىن سائەت 16:00دىن 20:00گىچە بولىدۇ.

   2) قىشلىق مەشغۇلات ۋاقتى: 2023- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ قىشلىق مەشغۇلات ۋاقتى يولغا قويۇلىدۇ، خىزمەت ۋاقتى: چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00دىن 14:00كىچە، چۈشتىن كېيىن 15:30دىن 19:30غىچە بولىدۇ.



                                                                                            شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى    

                                                                                                      2022- يىلى 12- ئاينىڭ 25- كۈنى