ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ 2023 - يىللىق خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى

2023-02-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 7 - ئومۇمىي يىغىنى ۋە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىن پىكىر - تەكلىپ توپلاش ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق 2023 - يىلى تۆۋەندىكى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشنى يولغا قويۇشنى قارار قىلدى:

1. كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشى قانات يايدۇرۇلىدۇ. 41 مىڭ يۈرۈش كاپالەتلىك ئىجارە ئۆي، 13 مىڭ يۈرۈش ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىنىپ، شەھەر - بازارلار كەپە ئۆي رايونىدىكى 49 مىڭ يۈرۈش ئۆينى ئۆزگەرتىش، 1152 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش يولغا قويۇلىدۇ، بۇ، 219 مىڭ 100 ئاھالىنى قاپلايدۇ.

2. «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» (2 - قارارلىق) قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلىدۇ. «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» (1 - قارارلىق) قۇرۇلۇشى مۇستەھكەملىنىپ، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» (2 - قارارلىق) قۇرۇلۇشى بويىچە 279 مىڭ 500 ئائىلىنى ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسى تاماملىنىدۇ، 110 كىلوۋولتلۇق ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئېلېكتىر تورى تۈرىدىن 32سى يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ قۇرۇلىدۇ.

3. ياشانغانلار كۈتۈنۈش، ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى كۈچەيتىلىدۇ، شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى ئاشۇرۇلىدۇ. شەھەردىكى مەھەللىلەردە ياشانغانلار كۈتۈنۈش «ئالتۇن رەڭلىك كەچكى شەپەق» قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، مەھەللىلەردىكى ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن كۈندۈزى خەۋەر ئېلىش مەركىزىدىن 100ى يېڭىدىن قۇرۇلىدۇ ياكى ئۆزگەرتىپ قۇرۇلىدۇ، شەھەر رايونىدا «15 مىنۇت»لۇق ئائىلىدە ياشانغانلارنى كۈتۈش مۇلازىمەت چەمبىرىكى بەرپا قىلىش تېزلىتىلىدۇ. مەھەللىلەرنىڭ داۋالىنىش بىلەن كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، بىر تۈركۈم مەھەللە (يېزا - بازار) داۋالىنىش بىلەن كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش مۇلازىمەت مەركەزلىرى كېڭەيتىپ قۇرۇلۇپ، نۇقتىلىق ھالدا ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قالغانلار، چوڭ ياشلىقلار، مېيىپلەر قاتارلىق ياشانغانلارنى كېسەل داۋالاش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە كۈتۈش، ئۇزاق مۇددەت ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، خاتىرجەم داۋالىنىش - پەرۋىش ئاساس قىلىنغان داۋالىنىش بىلەن كۈتۈنۈش بىرلەشتۈرۈلگەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرىدىكى ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، %65 ناھىيە (شەھەر، رايون)دە ئاز دېگەندە بىر ئۈلگىلىك ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتى قۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يەسلىلەردە ئىككى ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان بوۋاقلار، بالىلار ھاۋالىلىك سىنىپى ئېچىش خىزمىتى ئالغا سىلجىتىلىدۇ. ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىدىكى بالىلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %50كە يەتمەيدىغان شەھەرلەردە يېڭىدىن بىر تۈركۈم ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەر قۇرۇلىدۇ، 4000دىن كەم بولمىغان ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى يېڭىدىن كۆپەيتىلىپ، شەھەرلەردىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى يېتەرلىك بولماسلىق ۋە ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقى تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق قىيىن مەسىلىسى تەدرىجىي ھەل قىلىنىدۇ.

4. ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش، قەلبلەرنى ئىللىتىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇستىكى ئىشلىگۈچىلەرنىڭ كۆلىمى 1 مىليون 87 مىڭ ئادەمدىن تۆۋەن بولماسلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. 160 مىڭ ئىشسىز كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، شەھەر - بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان 29 مىڭ كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىلىپ، شەھەر - بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەرنى ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. «شىنجاڭ بىناكارلىق ئۇستىلىرى»نى تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتى يولغا قويۇلۇپ، 125 مىڭ ئادەم قېتىم تەربىيەلەش ۋە 100 مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپىسى ئورۇنلىنىدۇ.

5. ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە «بىر توردا بىرتۇتاش بېجىرىش» «بىر ئىشنى بىرلىشىپ بېجىرىش» چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. باشقا جايدا داۋالىنىش بويىچە ئەنگە ئېلىش تەرتىپى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، باشقا جايدا داۋالىنىش بويىچە راسچوت قىلىش دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ، توردا راسچوت قىلىش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايدا داۋالانغانلارنىڭ «ئالدىن پۇل تۆلەش» ۋە «قاتراش» مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىدۇ. «شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى مىكرو ساقچى ئىشلىرى» كىچىك پىروگراممىسىغا تايىنىپ، تېخىمۇ كۆپ جامائەت خەۋپسىزلىكى مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت ئىش تۈرىنى «بىر توردا بىرتۇتاش بېجىرىش» «ئالىقاندا ياخشى بېجىرىش»كە تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ «ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا» جامائەت خەۋپسىزلىكى كەسپىنى بېجىرىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. شىنجاڭ ئىچىدە كىملىك قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامىنى ئىشلىتىش كېڭەيتىلىپ، ئاممىنىڭ مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق سورۇنلاردا ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامىنى ئەمەلىي كىنىشكىنىڭ ئورنىدا كۆرسىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى باشقا جايدا نوپۇسقا ئېلىش، تۇنجى قېتىم باشقا جايدا كىملىك ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت ئىش تۈرىنى «ئۆلكە ھالقىپ بىرتۇتاش بېجىرىش»كە داۋاملىق تۈرتكە بولۇنىدۇ. كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشتا «بىر كۆزنەكتە قوبۇل قىلىش، تەڭ بېجىرىش» «توردا ئىش بېجىرىش زالى» مۇلازىمەت ئىقتىدارى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، كۆچمەس مۈلۈكنى يۆتكەپ تىزىملاش بىلەن سۇ، توك، گازنى بىرلەشتۈرۈپ ئىگىدارنىڭ نامىغا يۆتكەش ھەم كارخانىلارغا ئالاقىدار كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشتا بىر ئىشنى بىرلىشىپ بېجىرىش مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، كېڭەيتىلىدۇ.

6. مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ. «يۇلتۇزلار تىيانشاندا چاقنىدى» «قوش يۈز»، كۆپچىلىك ناخشا ئېيتىش، مەيدان ئۇسسۇلى ئويناش قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇلىدۇ. «ئانارنىڭ دانىسى» مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنئەت ئەترىتى، كەسپىي ئۆمەكلەر خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بويىچە ئويۇن قويۇش قاتارلىق ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك ئەدەبىيات - سەنئەتنى ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەندۈرۈپ ئويۇن قويۇش سىجىل قانات يايدۇرۇلىدۇ. «شىچۈ تىياتىرىنى يېزا - كەنتلەرگە كىرگۈزۈش» تۈرى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى 39 ناھىيە، شەھەردىكى 458 يېزا - بازاردا شىچۈ تىياتىرىنى يېزا - كەنتلەرگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن، ھەربىر يېزا - بازارغا يىلدا ئالتە مەيدان ئويۇن تەقسىملىنىدۇ. شىنجاڭ چۈزى تىياتىرى، شىبە مىللىتىنىڭ «خاندۇ باھارى» ناملىق يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىياتىر تۈرىدە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بويىچە ئويۇن قويۇش قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش يۈرۈشلۈك پائالىيىتى ۋە «كۆچمە مۇزېي» سەييارە كۆرگەزمىسى قانات يايدۇرۇلىدۇ. ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە تەنتەربىيە باغچىسىدىن ئوننى، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش مەركىزىدىن بىرنى، جەمئىيەت پۇتبول مەيدانىدىن 36نى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇنىدۇ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 77 چوڭ تىپتىكى تەنتەربىيە مەيدان - سارىيىنى ھەقسىز ياكى تۆۋەن ھەق ئېلىپ جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇنىدۇ. ياشلار - ئۆسمۈرلەر قار - مۇز تەنھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ، قار - مۇز قىشلىق لاگېرى يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلىدۇ، تەنتەربىيە ئەنئەنىۋى ئۆزگىچە مەكتىپىدىن 50ى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

7. «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشى ۋە يېزىلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ قۇرۇلۇشىنى رېمونت قىلىش، ئاسراش تۈرى يولغا قويۇلىدۇ. 6000 كىلومېتىر يېزا تاشيولى يېڭىدىن ئۆزگەرتىپ ياسىلىپ، يېزا تاشيولىنى راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ. 5000 كىلومېتىر يېزا تاشيولىدا بىخەتەرلىك بويىچە ئالدىنى ئېلىش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، 100 خەتەرلىك كۆۋرۈك ئۆزگەرتىلىدۇ، يېزا تاشيولىنىڭ بىخەتەرلىك كاپالەت سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئاشۇرۇلىدۇ. 30 ناھىيە (شەھەر)دىكى 539 ئورۇندا يېزا ئىچىدىغان سۇ قۇرۇلۇشىنى رېمونت قىلىش، ئاسراش ۋەزىپىسى تاماملىنىپ، 2 مىليون 30 مىڭ يېزا ئاھالىسىنى سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسى مۇستەھكەملىنىدۇ، ئۆستۈرۈلىدۇ.

8. دېھقان ئىشلىگۈچىلەرنى «ئىش ھەققى»دىن خاتىرجەم، غەم - ئەندىشىسىز قىلىش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلىدۇ. قۇرۇلۇش ساھەسى قاتارلىق ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش ئاسان، كۆپ يۈزبېرىدىغان ساھە، كارخانىلار مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان قۇرۇلۇش تۈرلىرى، دۆلەت كارخانىلىرى قۇرۇلۇش تۈرلىرى ۋە جەمئىيەت مەبلەغ سالغان ئۆي - زېمىن تەرەققىيات تۈرلىرى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، دېھقان ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا، تولۇق ئېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىپ، دېھقان ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئەمگەك ھەققى ھوقۇق - مەنپەئىتى ھەقىقىي قوغدىلىنىدۇ. شىنجاڭ دېھقان ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشنى نازارەت قىلىش، ئالدىن سىگنال بېرىش سۇپىسى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇپ ۋە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، قۇرۇلۇش ساھەسىدە ئەمگەكچى ئىشلىتىش ۋە ئىش ھەققىنى تارقىتىشقا قارىتا پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، مەنبەدىن ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنىڭ ئالدى ئېلىنىدۇ. جەمئىيەتكە ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇشقا ئالاقىدار ئېغىر، زور قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار ئېلان قىلىنىپ، لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى بىرلىشىپ جازالاش - ئاگاھلاندۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ.

9. «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش ئالغا سىلجىتىلىدۇ. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر گەۋدە بولۇش، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى كۆپ خىل بۇلغىمىنى ماسلىشىپ تۈزەش ئالغا سىلجىتىلىپ، «ئۈرۈمچى - سانجى - شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىش مەسىلىسى كۈچەپ ھەل قىلىنىپ، ئاتموسفېرا سۈپىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. يېشىل سەپەرگە چىقىپ «سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى» يولغا قويۇلۇپ، نۇقتىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، ئادەتتىكى دۆلەت ئۆلكە غول لىنىيەسى تاشيول مۇلازىمەت رايونىدا توكلىغۇچ، توك قاچىلاش پونكىتى قۇرۇلۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېشىل سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىلىدۇ.

10. قىيىنچىلىقى بار، ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلەرنىڭ ئۆيلىرىنى توسالغۇسىز قىلىپ ئۆزگەرتىش تۈرى يولغا قويۇلىدۇ. 6300دىن ئارتۇق قىيىنچىلىقى بار، ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلەرنىڭ ئۆيلىرى توسالغۇسىز قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، ئېھتىياجغا ئاساسەن تۆۋەن ئورۇنلۇق ئوچاق، يانتۇ يول، تۇتقۇچ قاتارلىق توسالغۇسىز ئەسلىھەلەر ئورنىتىلىپ، ئۆينىڭ ئاشخانا، ھاجەتخانا قاتارلىق تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى ئۆزگەرتىلىپ، مېيىپلەرنىڭ يېتىپ - قوپۇشى ۋە مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يۇقىرىقى ئون ئەمەلىي ئىشنى ئىز قوغلاپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدۇ. ئەمەلىي ئىشنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى قىلىش، ياخشى ئىشنى ئەمەلىي قىلىش ئۈچۈن جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋە كەڭ ئاممىنىڭ پائال قاتنىشىشى ۋە نازارەت قىلىشىنى، قىممەتلىك پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىلدى.


                                                                                                                شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى

                                                                                                                    2023 - يىلى 2 - ئاينىڭ 9 - كۈنى