ئاپتونوم رايونىمىزدا 2024 - يىللىق جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلاندى

2024-02-06 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرلارنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارمىقىدىن ئىگىلىشىچە، 2024 - يىلى، ئاپتونوم رايون جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر، مەمۇرلار قانۇنى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان خىزمەتچى خادىمدىن 4312نى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان. ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ۋاقتى 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى باشلىنىپ، 2 - ئاينىڭ 23 - كۈنى ئاخىرلىشىدۇ؛ 3 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن باشلاپ يېزىقچە ئىمتىھان ئېلىنىدۇ، ئاندىن سالاھىيەت تەكشۈرۈش، يۈزتۇرا ئىمتىھان، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، ئېلان قىلىش، قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئارقا - ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئىمتىھان ئېلىش ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىغا ئالاقىدار تەپسىلىي ئەھۋاللار 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى شىنجاڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى تورى(http://www.xjkunlun.cn)، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورى(http://rst.xinjiang.gov.cn)، شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزى تورى(http://www.xjrsks.com.cn)دا ئېلان قىلىنىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر دىققەت قىلىپ تۇرسا ھەم تورغا چىقىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك دىققەت قىلىدىغان ئىشلار تۆۋەندىكىچە: بىرىنچى، كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئالاقىدار قوبۇل قىلىش شەرتلىرىگە سېلىشتۇرۇپ، ئۆز ئەھۋالىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، تور بېكىتىگە بالدۇر چىقىپ تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ. ئىككىنچى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئەگەر تاللاپ تىزىملاتقان خىزمەت ئورنىنىڭ كونكرېت تەلىپىنى تەپسىلىي ئىگىلىمەكچى بولسا، ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىدىغان خىزمەت ئورنى جەدۋىلىدە ئېلان قىلىنغان قوبۇل قىلغۇچى ئورگان(ئورۇن)نىڭ سىياسەت جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىش تېلېفونىغا بىۋاسىتە تېلېفون قىلسا بولىدۇ.

ئالاقىدار تەرەپنىڭ مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى ئىمتىھاندا كونسۇلتاتسىيە كىتابلىرى كۆرسىتىپ بېرىلمەيدۇ، مەمۇرلار ئىمتىھانى كونسۇلتاتسىيە كۇرسى ياكى تەربىيەلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇلمايدۇ، شۇنداقلا ھەرقانداق ئاپپاراتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىغا ھاۋالە قىلىنمايدۇ. نۆۋەتتە جەمئىيەتتە ئۇيۇشتۇرۇلۇۋاتقان تۈرلۈك مەمۇرلار ئىمتىھانى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسلىرى ۋە ئىمتىھانغا ئالاقىدار سېتىلىۋاتقان نەشر بۇيۇملىرى قاتارلىقلار بىردەك بۇ قېتىمقى ئىمتىھاننى مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ بىلەن مۇناسىۋەتسىز. كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ئىمتىھانغا ئاقىلانە تەييارلىق قىلىپ، ئۆز مەنپەئىتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ئېھتىيات قىلىشى كېرەك. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە چېقىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى بايقىسا، ئالاقىدار تارماقلارغا پاش قىلسا بولىدۇ.