بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە 6 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى باشلىنىدۇ

2024-06-14 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى تاماملاندى

شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 6 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ سودا مىنىستىرلىقى ئاچقان 8 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، سودا مىنىستىرلىقى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئورتاق مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدىغان، «يىپەك يولىدىكى يېڭى پۇرسەت، ئاسىيا ـ ياۋروپانىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى» باش تېما قىلىنغان 8 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسى 6 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنىدىن 30 ـ كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن، نۆۋەتتە تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى تاماملانغان.

بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 140 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى، خەلقئارا، خاس كەسىپلەر، جابدۇق ياسىمىچىلىقىدىن ئىبارەت تۆت كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە خاس كەسىپلەر كۆرگەزمە رايونىدا ئېنېرگىيە، رەقەملىك تېخنىكا، مەدەنىيەت ـ ساياھەت، ئاشلىق ـ ياغ، يېشىل، ئورگانىك مېۋە ـ كۆكتات، ئەلا سۈپەتلىك چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق قاتارلىق بۆلەكلەر تەسىس قىلىنغان. كۆرگەزمىدە جەمئىي 14 ساراي بار بولۇپ، ئۆزگىچە بېزىلىش نىسبىتى %77كە يەتكەن، تۇنجى قېتىم مەركەز كارخانىلىرى سارىيى، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە كارخانىلار سارىيى، گۇاڭدۇڭ ـ شياڭگاڭ ـ ئاۋمېن رايونى كارخانىلىرى سارىيى، شىنجاڭنىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» كەسىپ زەنجىرىدىكى زەنجىر باشلامچى كارخانىلىرى سارىيىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ خاس كۆرگەزمە سارىيى تەسىس قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى، سەرخىل، يېڭى مەھسۇلاتلىرى ۋە خاس، ئەۋزەل مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.

«بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە قاتنىشىش دائىرىسى كەڭ، كۆرگەزمىنىڭ قاتلىمى يۇقىرى» دېدى سودا مىنىستىرلىقى تاشقى سودا تەرەققىيات ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ليۇ ديەنشۈن.

ھازىرغىچە، جەمئىي 50 دۆلەت، رايون ۋە خەلقئارا تەشكىلات، 30 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، ئاپتونوم رايون بويىچە 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى 1000دىن ئارتۇق كارخانا ۋە ئاپپارات كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئاسىيا ـ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە يۈزلەنگەن بىردىنبىر دۆلەت دەرىجىلىك، خەلقئارالىق ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە بولۇپ، 2011 ـ يىلىدىن بۇيان يەتتە نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جەمئىي 40 نەچچە نەپەر جۇڭگو ۋە چەت ئەل دۆلەت رەھبىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ھەمدە جۇڭگو ۋە چەت ئەلدىكى 1100دىن ئارتۇق مىنىستىر دەرىجىلىك ئەزىز مېھمان كۆرگەزمىگە قاتناشتى، چېگرا ئىچى ـ سىرتىدىكى كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانا جەمئىي 12 مىڭ 200دىن ئاشتى، ئۇلار بەش قىتئەدىكى 70 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا تارقالغان، كۆرگەزمىنى كۆرگەنلەر جەمئىي 2 مىليون 160 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى، كۆرگەزمىدە تەسىر كۈچى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرىگە ئىگە بىر تۈركۈم ھەمكارلىق نەتىجىلىرى شەكىللەندۈرۈلۈپ، جۇڭگو بىلەن ئاسىيا ـ ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا ئىجابىي رول ئوينىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى شۈەن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە تونۇشتۇرۇش، كېڭىشىش، ئۇدۇللاشتۇرۇش، كېلىشىم ئىمزالاشنى ئاساس قىلغان ھەمكارلىق، ئالماشتۇرۇش سۇپىسى كۈچەپ بەرپا قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى ۋە چېگرا ئىچى ـ سىرتىدىكى كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان سودىگەرلەرنىڭ تەمىنات ـ ئېھتىياج تەلىپى زىچ چۆرىدىلىپ، كېڭىشىش دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇلۇپ، 50 نەچچە مەيدان قېتىم سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. مەخسۇس تونۇشتۇرۇش يىغىنى ۋە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدا 200دىن ئارتۇق تۈردە كېلىشىم ئىمزالىنىدىغانلىقى، مەخسۇس كېڭىشىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ يۈرۈشلۈك پائالىيەت ئومۇمىي سانىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

ئىگىلىنىشىچە، كۆرگەزمە مەزگىلىدە بىرلا ۋاقىتتا جۇڭگو ـ چەت ئەل مەدەنىيەت كۆرگەزمە ھەپتىلىكى، بىڭتۇەن ئېچىۋېتىش كۈنى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىكەن، «ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش» باش تېما قىلىنغان 3 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو − قازاقىستان يەرلىكلەر ھەمكارلىق مۇنبىرىمۇ ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.