شىنجاڭنىڭ پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى نىزامى 7 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

2024-06-14 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

   شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 6 ـ ئاينىڭ 12 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلدى) بۇ يىل 7 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.

«نىزام»دا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشىدىكى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە، دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پەن ـ تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچ.

«نىزام»دا يېڭى مەزگىلدىكى پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ تەشكىلىي خاراكتېرى، سىياسىي يېتەكچىلىك ۋە مەسئۇلىيەت ئورۇن بېكىتمىسى ھەمدە خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىش، خىراجەت كاپالىتى ۋە تەقدىرلەش، مۇكاپاتلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇھىم مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى پۈتۈن جەمئىيەتتە ئىلىم ـ پەننى قەدىرلەيدىغان، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىشى كېرەك؛ پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى دىققەتنى «تۆتكە مۇلازىمەت قىلىش» مەسئۇلىيىتى يەنى پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە مۇلازىمەت قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا مۇلازىمەت قىلىش، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلىم ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىش، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشىگە مۇلازىمەت قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەك؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ خىزمەت خىراجىتىنى مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

«نىزام»دا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئاپتونوم رايون، ئوبلاست، (شەھەر، ۋىلايەت)لىك پەن ـ تېخنىكا جەمئىيەتلىرى تەڭ دەرىجىلىك ئىلمىي جەمئىيەت، جەمئىيەت، تەتقىقات جەمئىيىتى ۋە بىر دەرىجە تۆۋەن پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى، پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ. پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىدا تۆت تۈر ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بولۇپ، پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى مۇھىم قانۇن قوللانمىسى بىلەن تەمىنلىدى.

«نىزام»دا پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى ھەم ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى ئىلمىي جەمئىيەت، جەمئىيەت، تەتقىقات جەمئىيەتلىرىنىڭ ھەرىكىتى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ تەڭشەلدى، ھەم دىققەت «ىڭېي ئېھتىياج»غا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، جەمئىيەت كۈچلىرىنىڭ پەن ـ تېخنىكا مەيدان ـ سارىيى قاتارلىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشقا قاتنىشىشى ۋە مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىلگەن بولۇپ، خەلق ئىچى ئاپپاراتلىرىدىكى پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ۋە پېنسىيەگە چىققان مۇنەۋۋەر پەن ـ تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى سىياسەت مەدىتى ۋە مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گۈلنار ئوبۇل مۇنداق بىلدۈردى: «نىزام» پەن ـ تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان بىر يەرلىك نىزام بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پەن ـ تېخنىكا تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىپ، ئىجادىي تەرەققىي قىلىشقا ئومۇميۈزلۈك سىڭىشىشىنى قانۇن قوللانمىسى ۋە قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، ھازىرقى ھەم بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى يېتەكلەشتە مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى «نىزام»نىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن، ئىلىم ـ پەننى قوللايدىغان، ئىختىساسلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىدىغان، يېڭىلىق يارىتىشقا مۇلازىمەت قىلىدىغان قويۇق كەيپىياتنى تىرىشىپ يارىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە دىققەتنى ئىدىيەۋى ـ سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە «تۆتكە مۇلازىمەت قىلىش»مەسئۇلىيىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرگە ئايرىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتىدۇ.