شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامى

2025-10-07 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

(2016 - يىل 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24 - يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2025 - يىل 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19 - يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى)

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

(53 - نومۇرلۇق)

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامى» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19 - يىغىنىدا 2025 - يىل 3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ئۆزگەرتىلىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2025 - يىل 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

ئالاھىدە ئېلان چىقىرىلدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى

2025 - يىل 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى

مۇندەرىجە

1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2 - باب ئالدىنى ئېلىشنى قوللاش سىستېمىسى

3 - باب جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسى

4 - باب ناچار قىلمىشلارغا ئارىلىشىش

5 - باب ئېغىر ناچار قىلمىشلارنى تۈزەش

6 - باب قايتا جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

7 - باب قانۇن جاۋابكارلىقى

8 - باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1 - ماددا بۇ نىزام قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2 - ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا تەتبىقلىنىدۇ.

3 - ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىتىنى ياخشىلاش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇش جەھەتتە تەربىيەلەش، يېتەكلەش، ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

4 - ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيەلەش بىلەن قوغداشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىپ، ئالدىن ئارىلىشىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ فىزىيولوگىيەلىك، پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكى ۋە ھەرىكەت ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، دەرىجە بويىچە ئالدىنى ئېلىش، ئارىلىشىش ۋە تۈزەش كېرەك. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ياخشى پەزىلەت ۋە ئىنتىزامغا، قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان ھەرىكەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئۆزىنى قوغداش ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، ناچار قىلمىش ۋە قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشنىڭ ئازدۇرۇشى، زىيانكەشلىك قىلىشىنى ئاڭلىق توسۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىش كېرەك.

5 - ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىش، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، تارماقلار ھەمتۈرتكە بولۇش، كەنت ئاھالە كومىتېتى (شەھەر ئاھالە كومىتېتى) ھەمكارلىشىش، مەكتەپ ۋە ئائىلە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، جەمئىيەت ماسلىشىش، ئامما قاتنىشىش، قانۇنچىللىق ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

6 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە تۆۋەندىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك:

(1) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى يىرىك پىلانى ۋە يىللىق پىلانىنى تۈزۈش؛

(2) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، كونكرېت باشلامچى تارماقنى بېكىتىش ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ماسلىشىپ قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەش؛

(3) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش، مۇناسىۋەتلىك خىراجەتنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈش؛

(4) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، نىزام، يىرىك پىلان، پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى تەكشۈرۈش؛

(5) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر تەشۋىق - تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەش؛

(6) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە دائىر باشقا مەسئۇلىيەتلەر.

7 - ماددا يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى، كوچا باشقارمىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى ھەمدە كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك:

(1) مەكتەپ، ئاتا - ئانىلارنىڭ ياردىمىدە، ئۆز تەۋەلىكىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ۋەسىيلىك قىلىنىش قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى ھەر ۋاقىت ئىگىلەپ، ئوقۇشسىز قېلىش، ئىشسىز قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش ھەمدە ياردەم بېرىش؛

(2) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە قاراتمىلىق تەشۋىقات پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇش؛

(3) گۇڭئەن ئورگىنىغا ھەمكارلىشىپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلى ئەتراپىنىڭ ئامانلىق تەرتىپىنى ساقلاش، مەكتەپ ئەتراپىنىڭ مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇش؛

(4) قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگىنى شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ھەمكارلىشىپ، مەھەللىدە ئوڭشاشنى قوبۇل قىلغان ياكى جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ياردەم - تەربىيە بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛

(5) ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىگە ماسلىشىپ، ناچار قىلمىشى بار، ئېغىر ناچار قىلمىشى بار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيەلەش، يېتەكلەش ۋە ئۇلارغا ئايرىم تەربىيە بېرىش؛

(6) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر باشقا خىزمەتلەر.

8 - ماددا گۇڭئەن ئورگىنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن پايدىلىنىپ قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە ئۇيۇشتۇرۇش، كۈشكۈرتۈش، مەجبۇرلاش قاتارلىق ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايەت دېلولىرىنى قانۇن بويىچە بېجىرىشى كېرەك؛ ناچار قىلمىش، ئېغىر ناچار قىلمىش سادىر قىلغان شۇنىڭدەك جىنايەت ئۆتكۈزگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە تەربىيە بېرىشى، ئارىلىشىشى ۋە ئۇلارنى تۈزىشى كېرەك.

ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەر، قۇرامىغا يەتمىگەن مەھەللىدە ئوڭشاش ئوبيېكتلىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، تۈزەش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش، ياردەم - تەربىيە بېرىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى مەكتەپتىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

خەلق ئىشلىرى تارمىقى بالىلار پاراۋانلىق ئاپپاراتىدىكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

تەشۋىقات، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، سەھىيە - ساغلاملىق، ئاخبارات - نەشرىيات، كىنو، رادىيو - تېلېۋىزىيە، خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە ياخشى ئىشلەيدۇ.

9 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەخسۇس مائارىپ تەرەققىياتى ۋە مەخسۇس مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى، مەخسۇس مەكتەپنىڭ خىراجىتى، خادىملىرى، تەربىيەلەش ئورنى ۋە ئەسلىھەسى قاتارلىق جەھەتلەردە كاپالەت تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مەخسۇس مائارىپ يېتەكچىلىك كومىتېتى قۇرۇپ، مەخسۇس مائارىپ خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى قەرەللىك ئاڭلايدۇ. مەخسۇس مائارىپ يېتەكچىلىك كومىتېتى ئىشخانىسى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىدا تەسىس قىلىنىدۇ، مەخسۇس مائارىپ يېتەكچىلىك كومىتېتىنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ.

مەخسۇس مائارىپ يېتەكچىلىك كومىتېتى ئېھتىياجغا ئاساسەن، مەخسۇس مەكتەپ ياكى مەخسۇس مائارىپ سىنىپىنى مۇۋاپىق تەسىس قىلىپ، مەخسۇس مائارىپ ئوقۇتۇشى، باشقۇرۇش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ بېكىتىپ، مەخسۇس مائارىپنى قوبۇل قىلىدىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەكتەپكە (سىنىپقا) كىرىشىنى ۋە مەخسۇس مائارىپنىڭ ئۈنۈمىنى قانۇن بويىچە باھالاشنى قانات يايدۇرىدۇ.

10 - ماددا خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، خەلق سوت مەھكىمىسى مەسئۇلىيىتى بويىچە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئالاقىدار جىنايەت دېلولىرىنى قانۇن بويىچە بېجىرىشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

11 - ماددا كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، مېيىپلەر بىرلەشمىسى، ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتى، ياشلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى، پىيونېرلار ئەترىتى شۇنىڭدەك باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى، خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەمكارلىشىشى كېرەك.

2 - باب ئالدىنى ئېلىشنى قوللاش سىستېمىسى

12 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، خەلق سوت مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى قوللاش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، يېتىلدۈرۈش، يېتەكلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئىجىتمائىي تەشكىلاتلار، جەمئىيەت خىزمەتچىلىرىنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە قاتناشتۇرۇشى كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك تارماق ۋە ئورۇنلار خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ھۆكۈمەت مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، كەسپىي مۇلازىمەت ئاپپاراتىغا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

13 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مائارىپ، گۇڭئەن، ئەدلىيە مەمۇرىي، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، خەلق سوت مەھكىمىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماق ۋە ئورۇنلارنى تەشكىللەپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە ئائىت ئۇچۇردىن تەڭ پايدىلىنىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

14 - ماددا گۇڭئەن ئورگىنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، خەلق سوت مەھكىمىسى، ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرى مەخسۇس ئاپپارات ياكى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەنگەن، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ئالاھىدىلىكىنى پىششىق بىلىدىغان كەسپىي خادىملار ئارقىلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ دېلوسىنى بېجىرىدىغان ئىختىساسلىقلار زاپىسى ۋە يېتىشتۈرۈش مېخانىزمى بەرپا قىلىشى، تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك.

15 - ماددا تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، گۇڭئەن، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ تور جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە قانات يايدۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ مۇناسىۋەتلىك جىنايى قىلمىشلارنى ۋاقتىدا بايقىشى ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، مائارىپ، ئاخبارات - نەشرىيات، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قاتارلىق ئورۇن ۋە تەشكىلاتلار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ توردىن مەدەنىي پايدىلىنىشى توغرىسىدا، تور مەستانىسى بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش توغرىسىدا قەرەللىك تەشۋىق - تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ شەھۋانىيلىق، ئىشقىۋازلىق، زوراۋانلىق، بىدئەتچىلىك، خۇراپاتلىق، قىمارۋازلىق، ئۆزىنى مېيىپ قىلىۋېلىشقا، ئۆلۈۋېلىشقا ئازدۇرۇش، تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك، ئەسەبىزمنى تەرغىب قىلىش قاتارلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان تور ئۇچۇرلىرىنى ئىشلىشىگە، كۆپەيتىشىگە، ئېلان قىلىشىغا، تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

16 - ماددا كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، مېيىپلەر بىرلەشمىسى، ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتى، ياشلار بىرلەشمىسى، ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى، پىيونېرلار ئەترىتى شۇنىڭدەك باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۆز ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىگە قاراپ، كۆرگەزمە، دوكلات يىغىنى، نۇتۇق سۆزلەش يىغىنى، ئەدەبىيات - سەنئەت كۆرىكى، قانۇنچىللىق مەدەنىيىتى ئاساسىي قاتلام سەپىرى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ، ئۆتكۈزۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە قانۇنچىللىق تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

17 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل يول ۋە ئۇسۇل ئارقىلىق ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىك ئاپپاراتىنى بېكىتسە بولىدۇ. ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىك ئاپپاراتى تەۋەلىكتىكى ئاتا - ئانىلار مەكتىپى ۋە باشقا ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىك مۇلازىمەت پونكىتى - نۇقتىسىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىك مۇلازىمەت خادىملىرى قوشۇن قۇرۇلۇشىنى ۋە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىدۇ، ئاجرىشىپ كەتكەنلەر ياكى ئۇزاق مەزگىل ئايرىلىپ تۇرغانلار ئائىلىسى، ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ئائىلىلەر، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئۆيدە قالغان ئائىلىلەر، مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلاتقۇزۇۋاتقانلار ئائىلىسى، جازا ئۆتەۋاتقانلار ئائىلىسى، ئىلگىرى قانۇنغا خىلاپ جىنايى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئائىلىسىدىكى ئاتا - ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەرگە ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىك مۇلازىمىتى قىلىدۇ.

18 - ماددا ئالىي مەكتەپ، پەن تەتقىقات ئاپپاراتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى پەن تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات قاتارلىق ئۇچۇر تېخنىكا ۋاسىتىسىغا تايىنىپ، تەھلىل قىلىش، ھۆكۈم قىلىش ۋە ئۇچۇردىن تەڭ پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قوللىنىش ۋە ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت قائىدىسى ۋە ئۆلچىمى ئورنىتىشى، تاكامۇللاشتۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇشتا مۇناسىۋەتلىك شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش كېرەك.

19 - ماددا 12355 ياش - ئۆسمۈرلەر ئاممىۋى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى ۋە ئۇنىڭ تور مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايەتكە چېتىلىش ئېھتىمالى بولغان مەسلىھەت ۋە ياردەم تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، پىسخىكا كىرىزىسى، ئائىلە مۇناسىۋىتى كىرىزىسى، كىشىلىك ئالاقە كىرىزىسى، ئوقۇغۇچىلارنى بوزەك قىلىش قاتارلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنى ئاسان كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ كەسپىي مەسلىھەت مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايى قىلمىش سادىر قىلىش ياكى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر قانۇنسىز زىيانكەشلىككە ئۇچراش ئېھتىمالى بولسا، گۇڭئەن ئورگىنىغا دەرھال مەلۇم قىلىش كېرەك.

دۆلەت ئورگانلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار شۇنىڭدەك جەمئىيەت خىزمەتچىلىرى، پىسخىكا مەسلىھەتچىلىرى، ئادۋوكاتلار قاتارلىقلارنىڭ 12355 ياش - ئۆسمۈرلەر ئاممىۋى مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسى ۋە ئۇنىڭ تور مۇلازىمەت سۇپىسى ئارقىلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە مەسلىھەت بېرىشىگە، ياردەم بېرىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.

3 - باب جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسى

20 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، كەنت ئاھالە كومىتېتلىرى، شەھەر ئاھالە كومىتېتلىرى، مەكتەپ ۋە ئائىلە قاتارلىقلار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە بولغان غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشكە يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشى؛ قانۇنچىللىق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنچىللىق ئېڭى ۋە ساپاسىنى يېتىلدۈرۈشى؛ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسى، يېتىلىش مەزگىلى تەربىيەسى، جىنسىيەت تەربىيەسى، پىسخىكا - فىزىيولوگىيە ساغلاملىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۆزىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

21 - ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە بولغان جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسىدە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىپ، ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى، تۆۋەندىكى تەربىيە تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك:

(1) ئېسىل ئائىلە ئىستىلى تۇرغۇزۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ياخشى پەزىلەت ۋە ھەرىكەت ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ياخشى ئائىلە مۇھىتى يارىتىپ بېرىش؛

(2) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ فىزىيولوگىيەلىك، پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش، پىسخىكىسى ياكى ھەرىكىتى بىنورمال قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ۋاقتىدا تەربىيەلەش، يېتەكلەش ۋە ئۇلارغا نەسىھەت قىلىش؛

(3) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەكتەپتىكى ئەھۋالىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىگىلەش، مەكتەپكە ماسلىشىپ ناچار قىلمىشى بار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى باشقۇرۇش ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەش؛

(4) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ساغلام، ئالغا ئىنتىلىشكە ئۈندەيدىغان كىنو - تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى، ئۈن - سىن بۇيۇملىرى، كىتاب، گېزىت - ژۇرنال، ئېلېكتىرونلۇق نەشر بۇيۇملىرى ۋە تور ئۇچۇرلىرىنى ئاڭلاش، كۆرۈش، ئوقۇشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش؛

(5) مۇناسىۋەتلىك قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنچىللىق ئېڭى ۋە ھەق - ناھەق قارىشىنى يېتىلدۈرۈش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىدىغان، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى، بىرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان سۆز ۋە قىلمىشلارنى ئاڭلىق توسۇشقا تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاجرىشىپ كەتكەن ياكى ئۇزاق مەزگىل ئايرىلىپ تۇرغان ئاتا - ئانىسى قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتلىرىگە جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسىنى ئۆزئارا ماسلىشىپ ياخشى بېرىشى كېرەك.

22 - ماددا مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى مەكتەپلەرنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسىنى ئوقۇش - ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر قانۇن بىلىملىرى ۋە پىسخولوگىيە بىلىملىرىنى ئوقۇتقۇچىلار داۋاملىق تەربىيەسى مەزمۇنىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

23 - ماددا مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى گۇڭئەن ئورگىنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، خەلق سوت مەھكىمىسى، ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى بىلەن بىرلىكتە قانۇنچىللىق مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى تەكلىپ قىلىش، باشقۇرۇش ۋە باھالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى، قانۇنچىللىق مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى خادىملار ئامبىرى قۇرۇپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدە قانۇنچىللىق مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

24 - ماددا مەكتەپلەر تەربىيەلەش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە تۆۋەندىكىلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك:

(1) خىزمەت پىلانى تۈزۈش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەكتەپنىڭ كۈندىلىك تەربىيەلەش - باشقۇرۇش خىزمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش؛

(2) قانۇن، نىزام، سىياسەت شۇنىڭدەك جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۆزىنى قوغداشقا دائىر بىلىم ۋە ئۇسۇللارنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىش؛

(3) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەكتەپتىكى ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلىپ، ئائىلە تەربىيەسى ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىپ ۋە ئالماشتۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلەش؛

(4) پىسخىكىلىق يېتەكلەش ئۆيى تەسىس قىلىپ، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ياكى قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى پىسخىكا ساغلاملىقى تەربىيەسى ئوقۇتقۇچىسى قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا پىسخىكا مەسلىھەتچىلىكى بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش؛

(5) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر باشقا خىزمەتلەر.

مەكتەپلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، تەقلىدىي سوت، قانۇن بىلىملىرى مۇسابىقىسى، قانۇنچىللىقنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئىشلىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.

ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر، كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ سىرتى قانۇنچىللىق يېتەكچىسى تەكلىپ قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

25 - ماددا ئوقۇماي يۈرگەن، ئىشلىمەي بىكار يۈرگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەردىن ئوقۇش ئارزۇسى بارلىرىنى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى ئۇلارنىڭ كەسپىي مائارىپ، ماھارەت تەربىيەسى ياكى داۋاملىق تەربىيە ئېلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك؛ 16 ياشقا توشقان ھەمدە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بارلىرىغا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتەكلەش مۇلازىمىتى قىلىشى ۋە ئۇلارنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلىشى كېرەك.

26 - ماددا گۇڭئەن، ئەدلىيە مەمۇرىي، سەھىيە - ساغلاملىق، مائارىپ، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، خەلق ئىشلىرى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە تەشكىلاتلار، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە خۇمار قىلىدىغان دورىلارنى سېتىۋېلىش، ئىشلىتىش جەھەتتە تەربىيە بېرىش، يېتەكلەش ۋە ئارىلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

4 - باب ناچار قىلمىشلارغا ئارىلىشىش

27 - ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەردە ناچار قىلمىش بارلىقىنى بايقىسا، ۋاقتىدا توسۇپ، تەنقىد - تەربىيە بېرىپ، تۈزىتىشكە يېتەكلىشى، نەسىھەت قىلىشى كېرەك. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ناچار قىلمىشىغا ئارىلىشىشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، مەكتەپ، كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى ياكى مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن ياردەم سورىسا بولىدۇ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ياكى تەشكىلاتلار ۋاقتىدا ياردەم بېرىشى كېرەك.

28 - ماددا تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت، گۇڭئەن قاتارلىق تارماقلار تۈرلۈك قويۇلىدىغان ئويۇنلارنىڭ مەزمۇنى ۋە تورغا چىقىرىلىدىغان ئۈن - سىننى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، گۇڭئەن قاتارلىق تارماقلار مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن، ئالاقە تورىغا چىقىش مۇلازىمەت تىجارەت سورۇنى، تىجارەتلىك ناخشا - ئۇسسۇل كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى شۇنىڭدەك قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان سورۇن قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ناچار مەدەنىيەتنىڭ چىرىتىشىدىن ساقلىشى كېرەك.

گۇڭئەن، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت قاتارلىق تارماقلار مەسئۇلىيىتى بويىچە، مەكتەپ ۋە مەكتەپ ئەتراپىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىشى، شەھۋانىيلىق، ئىشقىۋازلىق، زوراۋانلىق، بىدئەتچىلىك، خۇراپاتلىق، قىمارۋازلىق، ئۆزىنى مېيىپ قىلىۋېلىشقا، ئۆلۈۋېلىشقا ئازدۇرۇش، تېررورىزم، بۆلگۈنچىلىك، ئەسەبىزمنى تەرغىب قىلىش قاتارلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئوقۇشلۇق، ئۈن - سىن بۇيۇمى، تور نەشر بۇيۇملىرى ياكى باشقا بۇيۇملارنى تازىلىشى كېرەك.

ئالاقە تورىغا چىقىش مۇلازىمەت تىجارەت سورۇنى، تىجارەتلىك ناخشا - ئۇسسۇل كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى ۋە قانۇن، نىزاملاردا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا سورۇنلارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى كىرگۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ. تىجارەتلىك مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا ئورنىتىلغان ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن ئۈسكۈنىلىرىنى دۆلەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن باشقا كۈندە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئوينىشىغا بېرىشكە يول قويۇلمايدۇ. ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن مېھمانسارىيى، سېنارىيەلەشكەن ئويۇن قاتارلىق تىجارەت سورۇنلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى كۈتۈۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. تىجارەتچىلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشىنى مەنئى قىلىش، كىرىشىگە چەك قويۇش بەلگىسىنى كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا ئورنىتىشى ھەمدە پاش قىلىش ئۇسۇلىنى ئېنىق ئەسكەرتىپ قويۇشى كېرەك.

29 - ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە تاماكا، ھاراق، لاتارىيە بېرىش، سېتىش ياكى لاتارىيە مۇكاپاتىنى نەقلەشتۈرۈش مەنئى قىلىنىدۇ، ھەرقانداق كىشىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە تاماكا، ھاراق، لاتارىيە ئالغۇزۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. تىجارەتچىلەر قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە تاماكا، ھاراق، لاتارىيە ساتماسلىق بەلگىسىنى كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا ئورنىتىشى ھەمدە پاش قىلىش ئۇسۇلىنى ئېنىق ئەسكەرتىپ قويۇشى كېرەك.

30 - ماددا مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئوقۇغۇچىلارنى بوزەك قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ھەمدە ئۇنى مەكتەپنىڭ يىللىق تەكشۈرۈپ باھالىشىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلار بوزەك قىلىنىشتىن دەسلەپكى مەزگىللىك سىگنال بېرىش، ئوتتۇرا مەزگىللىك بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئىشتىن كېيىن غەمخورلۇق قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشى ۋە تاكامۇللاشتۇرۇشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوزەك قىلىنغانلىقىنى بايقاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش خىزمەت تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى بوزەك قىلىش قىلمىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپلەرنى قاتتىق بىرمۇبىر تەكشۈرۈشى ھەمدە ۋاقتىدا تۈگىتىشى؛ بوزەك قىلىش قىلمىشى سادىر قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ مۇناسىپ باشقۇرۇش، تەربىيە بېرىش تەدبىرىنى قوللىنىشى، جىنايەت شەكىللەندۈرۈش ئېھتىمالى بولسا، گۇڭئەن ئورگىنىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى؛ مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى بوزەك قىلىش ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنى ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزى ۋە ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسىيىتىگە چېتىلسا، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى مەخپىي تۇتۇش كېرەك.

5 - باب ئېغىر ناچار قىلمىشلارنى تۈزەش

31 - ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى قۇرامىغا يەتمىگەنلەردە ئېغىر ناچار قىلمىش بارلىقىنى بايقىسا، ۋاقتىدا توسۇشى، قانۇنغا خىلاپ ئاقىۋىتىنى تۈگىتىشى ياكى يېنىكلىتىشى ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ قاتتىق باشقۇرۇشى كېرەك. مەكتەپلەر قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلاردا ئېغىر ناچار قىلمىش بارلىقىنى بايقىسا، ۋاقتىدا توسۇشى ھەمدە قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرىگە ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى، مەكتەپلەر ئېغىر ناچار قىلمىشى بار قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بىلەن بولغان كۈندىلىك پىسخىكا، ھەرىكەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاقىنى كۈچەيتىشى، ئائىلە ۋەسىيلىكى بىلەن مەكتەپ تەربىيەسىدىكى ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىشى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئائىلە، مەكتەپ بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

32 - ماددا ئېغىر ناچار قىلمىشى بار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە گۇڭئەن ئورگىنى كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ، تۆۋەندىكى تۈزەش، تەربىيە بېرىش تەدبىرلىرىنى قوللانسا بولىدۇ:

(1) تەنبىھ بېرىش؛

(2) كەچۈرۈم سوراشقا، زىياننى تۆلەشكە بۇيرۇش؛

(3) پۇشايماننامە يېزىشقا بۇيرۇش؛

(4) ھەرىكەت ئەھۋالىنى قەرەللىك دوكلات قىلىشقا بۇيرۇش؛

(5) مۇئەييەن ھەرىكەت قائىدىسىگە رىئايە قىلىشقا بۇيرۇش، مۇئەييەن ھەرىكەتنى قىلىشقا، مۇئەييەن ئادەم بىلەن ئۇچرىشىشقا ياكى مۇئەييەن سورۇنغا كىرىشكە يول قويماسلىق؛

(6) پىسخىكا يېتەكچىلىكىنى، قىلمىشىنى تۈزەشنى قوبۇل قىلىشقا بۇيرۇش؛

(7) جەمئىيەت مۇلازىمىتى پائالىيىتىگە قاتنشىشقا بۇيرۇش؛

(8) جەمئىيەتنىڭ كۆزىتىشى - قوغدىشىنى قوبۇل قىلىشقا بۇيرۇش، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتلار مۇۋاپىق سورۇندا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە تەربىيە بېرىش، ئۇلارنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش؛

(9) تۈزەش - تەربىيە بېرىشكە دائىر باشقا مۇۋاپىق تەدبىرلەر.

33 - ماددا ئېغىر ناچار قىلمىشى بار قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى، ئوقۇۋاتقان مەكتىپى باشقۇرالمىسا ياكى باشقۇرۇشنىڭ ئۈنۈمى بولمىسا، مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ، مەخسۇس مائارىپ يېتەكچىلىك كومىتېتىنىڭ باھالاپ قوشۇلۇشى بىلەن، مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى مەخسۇس مەكتەپكە (سىنىپقا) ئەۋەتىپ مەخسۇس مائارىپنى قوبۇل قىلىشىنى قارار قىلىدۇ.

34 - ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەردە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، گۇڭئەن ئورگىنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، خەلق سوت مەھكىمىسى مەخسۇس مائارىپ يېتەكچىلىك كومىتېتىنىڭ باھالاپ قوشۇلۇشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى گۇڭئەن ئورگىنى بىلەن بىرلىكتە مەخسۇس مەكتەپكە (سىنىپقا) ئەۋەتىپ مەخسۇس مائارىپنى قوبۇل قىلىشىنى قارار قىلسا بولىدۇ:

(1) جەمئىيەتكە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزۈش قىلمىشىنى سادىر قىلىپ، قىلمىشى قەبىھ بولغان ياكى ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا؛

(2) جەمئىيەتكە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزۈش قىلمىشىنى كۆپ قېتىم سادىر قىلغان بولسا؛

(3) گۇڭئەن ئورگىنىنىڭ قانۇن بويىچە قوللانغان تۈزەش، تەربىيە بېرىش تەدبىرىنى قوبۇل قىلماي تۇرۇۋالغان ياكى ئۇنىڭغا ماسلاشمىغان بولسا؛

(4) خەلق تەپتىش مەھكىمىسى نىسپىي ئەيىبلىمەسلىك، شەرتلىك ئەيىبلىمەسلىكنى ئوتتۇرىغا قويغان، لېكىن مەخسۇس مائارىپنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، دەپ قارىغان بولسا؛

(5) خەلق سوت مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار جازاسىدىن كەچۈرۈم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن مەخسۇس مائارىپنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، دەپ قارىغان بولسا؛

(6) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

35 - ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايى ئىشلار قانۇنىدا بەلگىلەنگەن قىلمىشنى سادىر قىلىپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن جىنايى جاۋابكارلىق يېشىغا توشمىغانلىقتىن جىنايى جازا بېرىلمەيدىغان بولسا، مەخسۇس مائارىپ يېتەكچىلىك كومىتېتىنىڭ باھالاپ قوشۇلۇشى بىلەن، مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى گۇڭئەن ئورگىنى بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭغا مەخسۇس تۈزەش تەربىيەسى بېرىشنى قارار قىلسا بولىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاز دېگەندە بىر مەخسۇس مەكتەپنى مەكتەپ رايونى ئايرىش، سىنىپ ئايرىش قاتارلىق ئۇسۇللار بويىچە مەخسۇس ئورۇن قىلىپ بېكىتىپ، مەخسۇس تۈزەش تەربىيەسىنى يولغا قويۇشى كېرەك.

مەخسۇس تۈزەش تەربىيەسى بېرىش ئورنى يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇلىدۇ، گۇڭئەن ئورگىنى، ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تۈزەش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

36 - ماددا ئۈنۈمىنى كۆرگەن، مەخسۇس تۈزەش تەربىيەسى ئالغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە باھالانغاندىن كېيىن، مەخسۇس مائارىپ يېتەكچىلىك كومىتېتى ئەسلىي قارار چىقارغۇچى ئورگانغا مەخسۇس تۈزەش تەربىيەسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن بىكار قىلىش قارارى چىقىرىش تەكلىپىنى بەرسە ھەمدە كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ، ئۇنى مەخسۇس مەكتەپكە (سىنىپقا) يۆتكەپ مەخسۇس مائارىپنى قوبۇل قىلىشىنى قانۇن بويىچە قارار قىلسا بولىدۇ.

37 - ماددا مەخسۇس مەكتەپ (سىنىپ) ھەر ئوقۇش مەۋسۇمىدا مەخسۇس مائارىپ يېتەكچىلىك كومىتېتىنىڭ مەخسۇس مائارىپنى قوبۇل قىلغان قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى باھالىشىغا ۋاقتى - ۋاقتىدا سۇنۇشى كېرەك. باھالاش ئارقىلىق ئادەتتىكى مەكتەپكە قايتىپ ئوقۇشقا ماس كەلسە، مەخسۇس مائارىپ يېتەكچىلىك كومىتېتى ئەسلىي قارار چىقارغۇچى ئورگانغا يازما تەكلىپ بېرىشى، ئەسلىي قارار چىقارغۇچى ئورگان قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادەتتىكى مەكتەپكە قايتىپ ئوقۇش - ئوقۇماسلىقىنى قارار قىلىشى كېرەك.

ئەسلىي قارار چىقارغۇچى ئورگان قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئادەتتىكى مەكتەپكە قايتۇرۇپ كېلىشنى قارار قىلغان بولسا، ئەسلىدىكى مەكتىپى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلسا بولمايدۇ؛ ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن ئەسلىدىكى مەكتىپىگە قايتىشقا مۇۋاپىق كەلمىسە، مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى مەكتەپ ئالمىشىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

38 - ماددا مەخسۇس مەكتەپ (سىنىپ) مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەخسۇس مائارىپنى قوبۇل قىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى دەرىجە ۋە تۈر بويىچە تەربىيەلىشى ۋە تۈزىشى، ئۇلارغا ئەخلاق تەربىيەسى، قانۇنچىللىق تەربىيەسى، پىسخىكا - فىزىيولوگىيە ساغلاملىق تەربىيەسى، زامانىۋى مەدەنىي ئادەت ۋە ھەرىكەت يېتىلدۈرۈش تەربىيەسى، ئىلىم - پەن بىلىملىرى ۋە ئاتېئىزم تەربىيەسىنى قاراتمىلىق ھالدا ئېلىپ بېرىشى ھەمدە ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ كەسپىي مائارىپ تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشى كېرەك؛ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تاماملىمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى داۋاملىق قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەخسۇس مەكتەپ (سىنىپ)تىكى قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى ئەسلىدىكى مەكتەپتە ساقلاپ قېلىنىدۇ، ئوقۇش پۈتكۈزۈش شەرتىگە توشىدىغانلىرىغا ئەسلىدىكى مەكتەپ ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىشى كېرەك.

39 - ماددا مەخسۇس مەكتەپ (سىنىپ) مەخسۇس مائارىپنى قوبۇل قىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارغا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تۈزەش ۋە تەربىيەلەش ئەھۋالىنى قەرەللىك ئىنكاس قىلىشى كېرەك. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى مەخسۇس مەكتەپ (سىنىپ)نىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەربىيەلىشى ۋە تۈزىشىگە ماسلىشىشى كېرەك.

6 - باب قايتا جىنايەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

40 - ماددا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەخسۇس تۈزەش تەربىيەسى، مەخسۇس مائارىپنى قوبۇل قىلغانلىق خاتىرىسىنى پېچەتلەپ ساقلاش، شەخسىي ئارخىپقا كىرگۈزمەسلىك كېرەك؛ قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگىنى دېلو بېجىرىش ئېھتىياجىغا ياكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن كۆرگەندىن باشقا، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسكە بېرىشكە بولمايدۇ. قانۇن بويىچە كۆرگەن ئورۇن ۋە شەخسلەر مۇناسىۋەتلىك خاتىرە ئۇچۇرلىرىنى مەخپىي تۇتۇشى كېرەك.

41 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار كۆزىتىش - قوغداش بازىسى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىپ، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كەسپىي مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ گۇڭئەن ئورگىنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، خەلق سوت مەھكىمىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، دېلوغا چېتىشلىق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى جەمئىيەت كۆزىتىش - قوغداشنى قانات يايدۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى مۇۋاپىق ئورۇندا تەكشۈرۈشى، تەربىيە بېرىشى، تەسەللى بېرىشى ۋە ئۆزگەرتىشىگە ئىلھام بېرىشى كېرەك.

42 - ماددا توختىتىپ قويۇلغانلىق، قولغا ئېلىنغانلىق شۇنىڭدەك قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇش - تەربىيەلەش ئورنىدا جىنايى جازا ئىجرا قىلىنغانلىق سەۋەبىدىن مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تاماملىيالمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بولسا، گۇڭئەن ئورگىنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، خەلق سوت مەھكىمىسى، ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى بىلەن ئۆزئارا ماسلىشىپ، ئورۇن، ئوقۇتقۇچى، خىراجەت قاتارلىق جەھەتلەردىن بۇ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى داۋاملىق قوبۇل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

43 - ماددا رېجىمغا ئېلىشقا ھۆكۈم قىلىنغان، جازانى كېچىكتۈرۈش، شەرتلىك قويۇپ بېرىش ۋە جازاسى ۋاقتىنچە تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىش جاكارلانغان قۇرامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەرگە قانۇن بويىچە مەھەللىدە ئوڭشاش يولغا قويۇلىدۇ. مەھەللىدە ئوڭشاش ئاپپاراتى قۇرامىغا يەتمىگەن مەھەللىدە ئوڭشاش ئوبيېكتىنىڭ يېشى، پىسخىكا ئالاھىدىلىكى، يېتىلىش ئېھتىياجى، ئۆسۈپ يېتىلىش كەچۈرمىشى، جىنايەت ئۆتكۈزۈش سەۋەبى، ئائىلە ۋەسىيلىك تەربىيەسى شارائىتى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن، قاراتمىلىق ئوڭشاش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك.

44 - ماددا مەخسۇس مائارىپ، مەخسۇس تۈزەش تەربىيەسى، مەھەللىدە ئوڭشاش، جەمئىيەت كۆزىتىش - قوغداشنى قوبۇل قىلغان شۇنىڭدەك جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئۆرلەپ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە قانۇن بويىچە باشقا قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بىلەن ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولىدۇ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ كەمسىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

7 - باب قانۇن جاۋابكارلىقى

45 - ماددا ئېغىر ناچار قىلمىش سادىر قىلغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا قانۇن بويىچە ئىش كۆرمىگەن بولسا، گۇڭئەن ئورگىنى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، خەلق سوت مەھكىمىسى تەنبىھ بېرىشى كېرەك ھەمدە ئۇلارنى ئائىلە تەربىيەسى يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىشقا بۇيرۇپ، ئۇلارنىڭ ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلسا بولىدۇ.

46 - ماددا مەكتەپ ۋە ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچى، خىزمەتچىلىرىدىن مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرى ياكى مۇناسىۋەتلىك قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى خارلىغان، كەمسىتكەنلىرىنى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى قاتارلىق تارماقلار تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ. ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلىرىگە گۇڭئەن ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ.

47 - ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئۆرلەپ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە مەخسۇس مائارىپ، مەخسۇس تۈزەش تەربىيەسى، مەھەللىدە ئوڭشاش، جەمئىيەت كۆزىتىش - قوغداشنى قوبۇل قىلغان شۇنىڭدەك جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى كەمسىتكەنلەرنى ئىشلەيدىغان ئورنى ياكى مائارىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق تارماقلار تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلارنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ياكى باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ.

48 - ماددا دۆلەت ئورگىنى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

49 - ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك باشقا قىلمىشلارغا قارىتا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ.

8 - باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

50 - ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان ناچار قىلمىش قۇرامىغا يەتمىگەنلەر سادىر قىلغان ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ:

(1) تاماكا چېكىش (ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ھاراق ئىچىش؛

(2) خۇمار قىلىدىغان دورىلارنى قالايمىقان ئىشلىتىش؛

(3) كۆپ قېتىم دەرس تاشلاش، مەكتەپتىن قېچىش؛

(4) كېچىدە سەۋەبسىز ئۆي - ياتاققا قايتماسلىق، ئۆيدىن چىقىپ كېتىش؛

(5) تورغا مەستانە بولۇپ قېلىش؛

(6) جەمئىيەتتىكى ناچار ئادىتى بار ئادەملەر بىلەن ئارىلىشىش، ناچار قىلمىش سادىر قىلىدىغان شايكا ئۇيۇشتۇرۇش ياكى ئۇنىڭغا قاتنىشىش؛

(7) قانۇن، نىزاملاردا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلىقى بەلگىلەنگەن سورۇنلارغا كىرىش؛

(8) قىمار ئويناش، شەكلى ئۆزگەرگەن قىمار ئويناش ياكى فېئودال خۇراپاتلىق، بىدئەتچىلىك قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش؛

(9) شەھۋانىيلىق، ئىشقىۋازلىق، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، ئەسەبىيلىك قاتارلىقلار تەرغىب قىلىنغان مەزمۇندىكى ئوقۇشلۇق، ئۈن - سىن بۇيۇملىرى ياكى تور ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى ئوقۇش، كۆرۈش ياكى ئاڭلاش؛

(10) تېررورىزم، بۆلگۈنچىلىك، ئەسەبىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ناچار سۆز - ھەرىكەتلەرنى قىلىش؛

(11) قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا پايدىسىز باشقا ناچار قىلمىشلار.

51 - ماددا بۇ نىزامدا ئېيتىلغان ئېغىر ناچار قىلمىش قۇرامىغا يەتمىگەنلەر سادىر قىلغان جىنايى ئىشلار قانۇنىدا بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش يېشىغا توشمىغانلىقتىن جىنايى جازا بېرىلمەيدىغان قىلمىشلارنى شۇنىڭدەك جەمئىيەتكە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ:

(1) توپلىشىپ ئۇرۇشۇش، باشقىلارنى قوغلاش، توسۇۋېلىش، ئومۇمنىڭ، شەخسنىڭ مال - مۈلكىنى مەجبۇرىي ئېلىۋېلىش ياكى خالىغانچە بۇزۇۋېتىش، ئىگىلىۋېلىش قاتارلىق ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش قىلمىشى؛

(2) قورال - ياراغ، ئوق - دورا ياكى قونداقلىق ئوقيا، خەنجەر قاتارلىق دۆلەت بەلگىلىمىسى بويىچە تىزگىنلىنىدىغان سايمانلارنى قانۇنسىز ئېلىپ يۈرۈش؛

(3) باشقىلارنى ئۇرۇش، ھاقارەتلەش، قورقۇتۇش ياكى ئۇلارنىڭ تېنىگە قەستەن زەخمە يەتكۈزۈش؛

(4) ئومۇمنىڭ، شەخسنىڭ مال - مۈلكىنى ئوغرىلاش، بۇلاش، تارتىۋېلىش ياكى قەستەن بۇزۇۋېتىش؛

(5) شەھۋانىي ئوقۇشلۇق، ئۈن - سىن بۇيۇمى ياكى ئۇچۇر قاتارلىقلارنى تارقىتىش؛

(6) ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق قىلىش ياكى شەھۋانىي ئويۇن قويۇش؛

(7) باشقىلارغا پەسكەشلىك قىلىش؛

(8) زەھەر چېكىش، ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش ياكى باشقىلارنى زەھەر بىلەن تەمىنلەش؛

(9) دەسمايىسى بىرقەدەر كۆپ قىمار ئويناش؛

(10) تېررورىزم، بۆلگۈنچىلىك، ئەسەبىزمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، جەمئىيەتكە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىش سادىر قىلىش؛

(11) جەمئىيەتكە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان باشقا قىلمىشلار.

52 - ماددا بۇ نىزام 2025 - يىل 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن - نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)