«شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە»نىڭ مىللەتلەر تىل - يېزىقى نۇسخىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2025-11-21 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە»نىڭ موڭغۇل تىل - يېزىقى، زاڭزۇ تىل - يېزىقى، ئۇيغۇر تىل - يېزىقى، قازاق تىل - يېزىقى، چاۋشيەن تىل - يېزىقى قاتارلىق بەش خىل مىللەت تىل - يېزىقى نۇسخىسى جۇڭگو مىللەتلەر تىل - يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى، بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلىدۇ.