(2025 - يىل 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى
(60 - نومۇرلۇق)
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىزامى» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22 - يىغىنىدا 2025 - يىل 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2025 - يىل 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
ئالاھىدە ئېلان چىقىرىلدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
2025 - يىل 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى
1 - ماددا بۇ نىزام ئاياللارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئەر - ئاياللارنىڭ باراۋەر بولۇشىنى ۋە ئاياللارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاياللارنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.
2 - ماددا ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەر ماسلىشىدىغان، جەمئىيەت قاتنىشىدىغان خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئاياللارنى ئىدىيەۋى قاراش، مەنىۋى قىزىقىش، تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش جەھەتتە زامانىۋىلىشىشقا قاراپ قەدەم تاشلاشقا يېتەكلەش كېرەك.
3 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاياللار تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ ۋە تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ئۇنى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، كېرەكلىك خىراجەتنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىدىكى چوڭ - چوڭ ئىشلارنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشى ئۈچۈن زۆرۈر شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.
يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى، كوچا باشقارمىسى ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
4 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاياللار، بالىلار خىزمىتىگە مەسئۇل ئاپپاراتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش، يېتەكلەش ۋە ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ، تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىدۇ:
(1) ئەر - ئاياللار باراۋەر بولۇش قاتارلىق ئاساسىي دۆلەت سىياسىتى ھەم ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئائىت قانۇن، نىزام، قائىدە ۋە باشقا قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى تەشكىللەپ تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇپ يولغا قويۇش؛
(2) ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دائىر نىزام، قائىدە ۋە باشقا قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى تۈزۈش ياكى تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە قاتنىشىش؛
(3) تارماقلار ھەمكارلىشىش مېخانىزمى ۋە ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى رەقەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش؛
(4) ئەر - ئاياللار باراۋەر بولۇشنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە دائىر يەرلىك نىزام، قائىدە ۋە باشقا قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەر - ئاياللار باراۋەر بولۇش جەھەتتىن باھالاش؛
(5) مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش قىلمىشىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش؛
(6) ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك باشقا خىزمەتلەر.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ، خەلق ئىشلىرى، گۇڭئەن، ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، سەھىيە - ساغلاملىق، داۋالىنىش كاپالىتى قاتارلىق تارماقلىرى ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
5 - ماددا ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى قانۇن ۋە نىزامنامە بويىچە، ئاياللارنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ ۋە ئۇنى قوغداپ، دۆلەت ئورگانلىرىغا ھەمكارلىشىپ ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشقا دائىر قانۇن، نىزام ۋە سىياسەتلەرنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، يولغا قويۇلۇشىنى تەكشۈرۈپ، نازارەت قىلىپ، ئاياللارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، ئەر - ئاياللارنىڭ باراۋەر بولۇشىنى ۋە ئاياللارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، مېيىپلەر بىرلەشمىسى، قىزىل كىرېست جەمئىيىتى، پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى، كوچا باشقارمىسىنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە قانۇن بويىچە ھەمكارلىشىدۇ.
يېڭى ئىقتىسادىي تەشكىلات، يېڭى ئىجتىمائىي تەشكىلات، يېڭى ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ساھەلەرنىڭ بەلگىلىمە بويىچە ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتى قۇرۇپ، ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ياخشى ئىشلىشىنى قوللاش كېرەك.
6 - ماددا ئاپتونوم رايون ئەر - ئاياللار باراۋەر بولۇش ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىنى خەلق مائارىپى سىستېمىسى، جەمئىيەت تەربىيەسى سىستېمىسى، كادىرلار تەربىيەسى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، تەشۋىق - تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئەر - ئاياللار باراۋەر بولۇش ئېڭىنى كۈچەيتىدۇ.
دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان ئاساسىي قاتلام ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى شۇنىڭدەك باشقا تەشكىلاتلار ئەر - ئاياللارنىڭ باراۋەر بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش توغرىسىدىكى تەشۋىق - تەربىيە ۋە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
رادىيو، تېلېۋىزىيە، گېزىت - ژۇرنال، تور قاتارلىق تاراتقۇلار ئەر - ئاياللارنىڭ باراۋەر بولۇشى ۋە ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش جەھەتتىكى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق تەشۋىقاتى ۋە تەربىيەلەش - يېتەكلەشنى قانات يايدۇرۇشى ھەم ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
7 - ماددا ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئىچىدە مۇۋاپىق ساندا ئايال ۋەكىللەر بولۇشى ھەم ئايال ۋەكىللەرنىڭ نىسبىتى پەيدىنپەي ئۆستۈرۈلۈشى كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر ئىچىدە مۇۋاپىق ساندا ئايال ئەزالار بولۇشى ھەم ئايال ئەزالارنىڭ نىسبىتى پەيدىنپەي ئۆستۈرۈلۈشى كېرەك.
كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى ئەزالىرى ئىچىدە مۇۋاپىق ساندا ئايال ئەزالارنىڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەزالىرى قۇرۇلتىيى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر قۇرۇلتىيىدىكى ئايال ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرىنىڭ نىسبىتى شۇ ئورۇندىكى ئايال ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىگە ماس كېلىشى كېرەك.
8 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاپ ئۆستۈرۈش ۋە ۋەزىپىگە قويۇشتا، ئەر - ئاياللار باراۋەر بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەر - ئاياللارنىڭ باراۋەر بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولغان تاللاپ ئۆستۈرۈش - ۋەزىپىگە قويۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشى، مۇكەممەللەشتۈرۈشى ھەم مۇۋاپىق ساندا ئايال رەھبەر قويۇشى كېرەك.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت تارمىقىدا مۇۋاپىق ساندىكى ئاياللار بىرىنچى قول رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
ئاياللار بىرلەشمىسى ھەم ئۇنىڭ كوللېكتىپ ئەزالىرى دۆلەت ئورگانلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارغا ئايال كادىرلارنى كۆرسەتسە بولىدۇ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئۇلارنىڭ كۆرسىتىش پىكرىگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.
9 - ماددا كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى ئاياللارنىڭ كەنت ئاھالىلىرى ئۆز - ئۆزىنى ئىدارە قىلىش، شەھەر ئاھالىلىرى ئۆز - ئۆزىنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىشىنى قولايلىق بىلەن تەمىنلىشى، شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
ئاساسىي قاتلام ئاياللار بىرلەشمىسى ئاياللار كېڭىشىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئاياللارنى كەنت ئاھالىسى ئەھدىنامىسى، شەھەر ئاھالىسى ئەھدىنامىسى ھەم ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى مەسلىھەتلىشىش، كېڭىشىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىسە بولىدۇ.
10 - ماددا ئاياللار ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولغان جىسمانىي ۋە ئادىمىيلىك ھوقۇق - مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.
ئاياللارنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، بەدەن ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، ئىسىم - فامىلە ھوقۇقى، سۈرەت ھوقۇقى، نام - شۆھرەت ھوقۇقى، شەخسىيەت ھوقۇقى قاتارلىق ئادىمىيلىك ھوقۇق - مەنپەئىتىگە چېقىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.
دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى، خۇراپاتلىق، زوراۋانلىق قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلىش ياكى ئاياللارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى قانۇنسىز چەكلەش مەنئى قىلىنىدۇ.
11 - ماددا ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ توردا يېزىق، سۈرەت، ئۈن - سىن قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاياللارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيانكەشلىك قىلىدىغان ئۇچۇرلارنى ئىشلەپ، كۆپەيتىپ، ئېلان قىلىپ، تارقىتىپ، ئاياللارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشلىرىغا يول قويۇلمايدۇ.
توردا ھوقۇقى چېقىلىشقا ئۇچرىغان ئايالنىڭ ئۆزى ۋە ئۇنىڭ يېقىن تۇغقانلىرى تور مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر، تور تىجارىتى قىلغۇچىلاردىن زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، ئاياللارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلاردىن ئاياللارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ. تور مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر، تور تىجارىتى قىلغۇچىلار ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ توسۇشى، ئۇچۇرنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
12 - ماددا قۇرامىغا يەتمىگەن قىزلار بىلەن يېقىندىن ئۇچرىشىدىغان ئورۇن ياكى تەشكىلاتلار جىنسىي زىيانكەشلىك، جىنسىي پاراكەندىچىلىكنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئىلمىي بىر تەرەپ قىلىش خىزمەت تۈزۈمى ئورنىتىپ، مۇناسىۋەتلىك تەلىم - تەربىيەنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. مەكتەپلەر ھەر ئوقۇش مەۋسۇمىدە قىز ئوقۇغۇچىلارغا ئاز دېگەندە بىر قېتىم فىزىيولوگىيە ساغلاملىقى، پىسخىكا ساغلاملىقى ۋە ئۆزىنى قوغداش تەربىيەسى قاتارلىق تەربىيەلەرنى قانات يايدۇرۇشى ھەم مۇناسىۋەتلىك دەرسلەرنى ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.
قۇرامىغا يەتمىگەن قىزلار بىلەن يېقىندىن ئۇچرىشىدىغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار خىزمەتچى قوبۇل قىلغاندا ۋە باشقۇرغاندا، تەكلىپ قىلىنىدىغانلار، خىزمەتتىكى خادىملارنىڭ جىنسىي زىيانكەشلىك قىلىش، جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش، خارلاش، ئالداپ سېتىش، زورلۇق بىلەن زىيانكەشلىك قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەت خاتىرىسى بار - يوقلۇقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. سۈرۈشتۈرۈش ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق يۇقىرىقى قىلمىش خاتىرىسى بارلىقى بايقالسا، قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ ياكى ۋاقتىدا خىزمەتتىن بوشىتىلىدۇ.
13 - ماددا دۆلەت ئورگىنى، قانۇن - نىزاملاردا ھۆكۈمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە ھوقۇق بېرىلگەن تۈرلۈك تەشكىلاتلار ھەم قانۇندا بەلگىلەنگەن دۆلەت خىزمەتچىلىرى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بىلەن يېقىندىن ئۇچرىشىدىغان ساھەلەردىكى تۈرلۈك تەشكىلاتلار ھەم كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار مەجبۇرىي مەلۇم قىلىش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك، قۇرامىغا يەتمىگەن قىزلارنىڭ جىنسىي زىيانكەشلىككە، جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغانلىقىنى بايقىسا ياكى جىنسىي زىيانكەشلىك، جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان دەپ گۇمان قىلسا ھەم قانۇنسىز زىيانكەشلىك خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بايقىسا، زىيانلانغۇچىنىڭ ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيسىگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى، گۇڭئەن ئورگىنىغا دېلو مەلۇم قىلىشى، پاش قىلىشى ھەم مۇناسىۋەتلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارماققا دوكلات قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە خادىملار زىيانلانغۇچىنىڭ شەخسىيىتى ۋە شەخسىي ئۇچۇرىنى قوغدىشى ھەم زۆرۈر قوغداش تەدبىرى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
14 - ماددا مېترو، ئاممىۋى قاتناش، بېكەت، ئايرودۇرۇم، سودا سارىيى، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى، ساياھەت مەنزىرە رايونى قاتارلىق كىشىلەر توپلىشىدىغان ۋە يۈرۈشۈپ تۇرىدىغان ئاممىۋى سورۇنلار جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىش قاتارلىق ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە چېقىلىش قىلمىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئارىلىشىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ئەرزلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك دېلولارنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ھەمكارلىشىشى كېرەك.
15 - ماددا مەدەنىيەت - كۆڭۈل ئېچىش تىجارىتى ۋە ياتاق تىجارىتى قىلغۇچىلار، باشقۇرغۇچىلار، ئۆي ئىجارە بەرگۈچىلەر ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە چېقىلىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى بايقىسا، گۇڭئەن ئورگىنىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.
ياتاق تىجارىتى قىلغۇچىلار ياتاقتا ياتىدىغانلارنىڭ ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا، توغرا تىزىملىشى، ھەمراھلىرى ئىچىدىكى ئاياللاردىن قۇرامىغا يەتمىگەنلەر بولسا، ياتاقتا ياتىدىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشى ھەم مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئەينەن تىزىملاپ يوللىشى كېرەك؛ ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيسىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، بىللە قونىدىغانلار بىلەن بولغان سالاھىيەت مۇناسىۋىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈرۈشى ھەم تەكشۈرۈش ئۈچۈن خاتىرىلىشى كېرەك؛ بىخەتەرلىك بويىچە چارلاپ تەكشۈرۈش ۋە يوقلاپ كەلگەنلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش گۇمانى بارلىقىنى بايقىسا، دەرھال گۇڭئەن ئورگىنىغا مەلۇم قىلىشى ھەم قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيسى بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇناسىپ بىخەتەرلىك قوغداش تەدبىرىنى قوللىنىشى كېرەك.
16 - ماددا ئاتا - ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر شۇنىڭدەك ۋەسىيلىك قىلىش، بېقىۋېلىش، ياردەملىشىپ تەربىيەلەش، قاراش، تەربىيەلەش، داۋالاش مەسئۇلىيىتى بار تەشكىلاتلار ھەم ئۇنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەن قىزلار ۋە ئەقلى مېيىپ، روھىي كېسەل قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولغان ئاياللارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى كېرەك.
17 - ماددا ئاياللار ئائىلە ئەزالىرى، ئائىلە ئەزالىرىدىن باشقا بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلارنىڭ ئۇرۇش، باغلاپ قويۇش، زەخىم يەتكۈزۈش، جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەش، دائىم تىللاش - ھاقارەتلەش، دائىم خورلاش، قورقۇتۇش، توڭدۇرۇپ قويۇش - ئاچ قويۇش، بوھتان چاپلاش، تەھدىت سېلىش، پېيىگە چۈشۈش، پاراكەندىچىلىك سېلىش قاتارلىق زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغاندا ياكى يۇقىرىقىدەك زىيانكەشلىكنىڭ ئەمەلىي خەۋپىگە دۇچ كەلگەندە، خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش بۇيرۇقى چىقىرىشنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
ئاياللار مۇھەببەتلىشىش، دوستلىشىش سەۋەبى بىلەن ياكى مۇھەببەت مۇناسىۋىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاجراشقاندىن كېيىن چاپلىشىۋېلىش، پاراكەندىچىلىك سېلىش، شەخسىيىتى ۋە شەخسىي ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش ۋە تارقىتىش قاتارلىق زىيانكەشلىكلەرگە ئۇچرىغاندا ياكى يۇقىرىقىدەك زىيانكەشلىكنىڭ ئەمەلىي خەۋپىگە دۇچ كەلگەندە، خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش بۇيرۇقى چىقىرىشنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
18 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاياللارنى قەرەللىك ھالدا ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەل، كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللەرنى ھەقسىز تەكشۈرۈشكە تەشكىللىشى كېرەك، شارائىتى بار جايلار تەكشۈرۈش ئوبيېكتىنى كېڭەيتسە ۋە تاسقاپ تەكشۈرۈش تۈرىنى كۆپەيتسە بولىدۇ.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئايال ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ھەر يىلى ياكى ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئاياللار كېسىلى، سۈت بېزى كېسىلىنى تەكشۈرتۈشكە شۇنىڭدەك ئاياللار ئالاھىدە ئېھتىياجلىق بولغان باشقا سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەم قەرەللىك ھالدا سۈت بېزى راكى، بالىياتقۇ بوينى راكىنى تاسقاپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. شارائىتى بار ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار سالامەتلىك تەكشۈرتۈش قېتىم سانى ۋە تۈرىنى كۆپەيتسە بولىدۇ. جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان ۋە يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش شەكىللىرىدە ئىشقا ئورۇنلاشقان ئايال ئەمگەكچىلەرنى سۈت بېزى راكى، بالىياتقۇ بوينى راكىنى تاسقاپ تەكشۈرۈش بويىچە ھەقسىز مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئاياللارنىڭ ئاياللار كېسىلى، سۈت بېزى كېسىلىنى تەكشۈرتۈشىگە ياردەم بېرىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك تارماقلار سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ئاياللار ساغلاملىقى سودا سۇغۇرتا كەسپىنى قانات يايدۇرۇپ، ساغلاملىق كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە مەدەت، ئىلھام بېرىدۇ.
19 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئۇل ئەسلىھەلەرنى پىلانلاش ۋە قۇرۇش، شەھەرنى يېڭىلاشنى قانات يايدۇرۇش، يېڭى شەھەر قاتارلىق نۇقتىلىق رايون قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا، بەلگىلىمە بويىچە بالا ئېمىتىش ئۆيىنى يانداش سېلىشى، ئاياللار ھاجەتخانىسىنى يانداش سېلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك، ئادەم توپلىشىدىغان سورۇنلاردا، ئاياللار ھاجەتخانىسىنىڭ ھاجەت ئورنى بىلەن ئەرلەر ھاجەتخانىسىنىڭ ھاجەت ئورنى نىسبىتى ئىككىدە بىردىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.
ئايال ئىشچى - خىزمەتچىلىرى بىرقەدەر كۆپ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ياكى شارائىتى بار ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئايال ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئايال ئىشچى - خىزمەتچىلەر شىپاخانىسى، ھامىلىدارلار دەم ئېلىش ئۆيى، بالا ئېمىتىش ئۆيى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى سەپلەپ، ئايال ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
تاللا بازار، سودا ساراي، كىنوخانا قاتارلىق ئادەم توپلىشىدىغان تىجارەت سورۇنلىرىنىڭ ئاياللارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرغىدەك ئاممىۋى ھاجەتخانا ۋە بالا ئېمىتىش ئۆيى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى سەپلىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.
20 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەدبىر قوللىنىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى پۇل ئىئانە قىلىپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىشكە، ئوقۇشقا ياردەم بېرىش فوندى، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشى، مەكتەپ ۋە باشقا مائارىپ ئاپپاراتلىرىنى ئوقۇش پۇلى ۋە پارچە خىراجەتنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، تاپشۇرۇشنى كېچىكتۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن باشقا باسقۇچتىكى قىيىنچىلىقى بار، مېيىپ قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشىنى تاماملىشىغا ياردەم بېرىشكە ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.
21 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئايال ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈشنى كۈچەيتىپ، باھالاش - رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ۋە مۇلازىمەت - كاپالەت تەدبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئايال ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى تۈزۈش، مۇكاپاتلاش - مۇنەۋۋەرلەرنى باھالاش، تۈر ئىلتىماس قىلىشتا، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاياللارنىڭ ياش چەكلىمىسىنى مۇۋاپىق قويۇپ بېرىشى كېرەك.
22 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كاپالەتلەندۈرۈشكە دائىر سىياسەت - تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى جىنسىي كەمسىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈزىتىپ، ئاياللارغا ئادىل بولغان ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار باج - ھەقنى كېمەيتىش - كەچۈرۈم قىلىش، قەرز پۇلغا ئۆسۈم ياردىمى بېرىش، كەسپىي تەربىيەلەش ۋە كەسپىي ماھارەت دەرىجىسىنى بېكىتىش ياردەم پۇلى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان ئاياللارنى زۆرۈر بولغان يار - يۆلەك ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
23 - ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن خادىم قوبۇل (تەكلىپ) قىلىشتا، دۆلەت بەلگىلىگەن ئاياللارغا ماس كەلمەيدىغان ئىش تۈرى ياكى ئىش ئورنىدىن باشقا، جىنسىي پەرقى، ئۆيلىنىش، پەرزەنت كۆرۈش ئەھۋالىنى باھانە قىلىپ، ئاياللارنى ئىشلىتىش (تەكلىپ قىلىش)نى رەت قىلسا ياكى ئاياللارنى ئىشلىتىش (تەكلىپ قىلىش) ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈۋالسا بولمايدۇ.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئايال ئىشچى - خىزمەتچى ئىشلەتكەن (تەكلىپ قىلغان)دە، ئۇلار بىلەن قانۇن بويىچە ئايال ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ئالاھىدە قوغدايدىغان ماددا - تارماقلار بولغان ئەمگەك (تەكلىپلىك ئىشلىتىش) توختامى ياكى مۇلازىمەت كېلىشىمى تۈزۈشى كېرەك. ئەمگەك (تەكلىپلىك ئىشلىتىش) توختامىدا تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى بەلگىلەشكە بولمايدۇ:
(1) ئايال ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ توي قىلىشىغا، پەرزەنت كۆرۈشىگە چەك قويۇش ياكى ئۆيلىنىش، پەرزەنت كۆرۈش ئەھۋالىنى ئىشلىتىش (تەكلىپ قىلىش) شەرتى قىلىش؛
(2) ئەمگەك زەخىمى جاۋابكارلىقىنى كەچۈرۈم قىلىشقا دائىر ماددىلار؛
(3) ئەر ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن باراۋەر بولمىغان ئىش ھەققى تەمىناتى؛
(4) ئايال ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە چېقىلىدىغان باشقا مەزمۇنلار.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن ئەر - ئاياللارنىڭ باراۋەر بولۇشى، ئايال ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش توغرىسىدا كوللېكتىپ كېڭىشىپ، كوللېكتىپ توختام ياكى مەخسۇس كوللېكتىپ توختام قاتارلىقلارنى تۈزسە بولىدۇ.
24 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئاياللارنى تەربىيەلەش خىزمەت مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئاياللارنى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىپ، كەسپىي مائارىپ ۋە ئەمەلىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قوبۇل قىلىشقا تەشكىللىشى ھەم شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۇغۇتتىن كېيىن ئىش ئورنىغا قايتقان ئاياللار، ئىشسىز ئاياللار، مېيىپ ئاياللار، يېزىلاردىكى ئۆيدە قالغان ئاياللار قاتارلىقلارنى تەربىيەلەشكە قاتنىشىشقا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاياللارنىڭ پەن - مەدەنىيەت ساپاسى ۋە ئەمگەك ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئايال ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، كەسپىي مائارىپ ۋە ماھارەت بويىچە تەربىيەلىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.
25 - ماددا ئاياللار ھەيز مەزگىلى، ھامىلىدارلىق مەزگىلى، تۇغۇت مەزگىلى، بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە ئالاھىدە قوغدىلىدۇ ھەمدە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مۇناسىپ تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ھامىلىدارلىق مەزگىلى، تۇغۇت مەزگىلى، بالا ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئايال ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئىش ئورنىنى نامۇۋاپىق تەڭشىسە، ئىش ھەققى ۋە دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتسە، مائاشىنى نېسى قالدۇرسا، ئۇلارنى خىزمەتتىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلىسا ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا مەجبۇرلىسا بولمايدۇ.
ئايال ئىشچى - خىزمەتچىلەر ھامىلىدارلىق مەزگىلى، بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە ئەسلىدىكى ئىش ئورنىغا ماس كەلمىسە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن شۇ مەزگىلدىكى ئىش ئورنىنى تەڭشەش ياكى مۇناسىپ خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلاشنى كېڭەشسە بولىدۇ. ھامىلىدارلىق مەزگىلى، بالا ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئايال ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئېلاستىك خىزمەت ۋاقتى ياكى ئۆيدە ئىشلەش قاتارلىق جانلىق خىزمەت ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشنى كېڭەشسە بولىدۇ.
ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، سەھىيە - ساغلاملىق، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق تارماقلار ۋە تەشكىلاتلار ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئۆيلىنىش دەم ئېلىشى، تۇغۇت دەم ئېلىشى، بالا بېقىش دەم ئېلىشى قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئىجرا قىلىپ ھەمدە دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى مۇناسىۋەتلىك تەمىناتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ پەرزەنت كۆرۈش ۋە ئائىلىسىدىن خەۋەر ئېلىشتىن ئىبارەت قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشىغا قانۇن بويىچە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئايال ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە ساقلىق ساقلاش ھەققى ياكى تازىلىق بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ بەرسە بولىدۇ.
26 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، تۇغۇت سۇغۇرتىسى، تۇغۇت ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى؛ تۇغۇتقا غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قىيىنچىلىقى بار ئاياللارغا زۆرۈر داۋالىنىش ۋە تۇغۇت ياردىمى بېرىشى كېرەك.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قانۇن بويىچە تۇغۇت سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇشى، ئايال ئىشچى - خىزمەتچىلەر مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە تۇغۇت سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئاياللار، ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئېلىۋاتقان ئاياللار، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان ئاياللار دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ، مۇناسىپ تۇغۇت تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
27 - ماددا ئايال تەرەپ پەرزەنت بېقىش - تەربىيەلەش، ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، ئەر تەرەپنىڭ خىزمىتىگە ھەمكارلىشىش قاتارلىقلاردا كۆپرەك ئائىلە مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان بولسا، ئاجراشقاندا ئەر تەرەپتىن تولۇقلىما تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق. تولۇقلىما سوممىسىنى مۇناسىپ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشقا سەرپ قىلغان ۋاقتى، زېھنى ۋە ئىككى تەرەپكە بولغان تەسىرى، شۇنىڭدەك بەرگۈچى تەرەپنىڭ كۆتۈرۈش ئىقتىدارى، شۇ جايدىكى ئاھالىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ بېكىتسە بولىدۇ. تولۇقلىما چارىسىنى ئىككى تەرەپ كېلىشىپ بېكىتىدۇ؛ كېلىشەلمىسە خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
28 - ماددا يېزا ئاياللىرى ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولغان ئۆيلۈك يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە. ئاياللار ئاجراشقاندىن كېيىن، ئەسلىي تۇرۇشلۇق جايىدا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ھەم ئۆيى يوق بولسا، ئۆي سېلىش ئۈچۈن يەر ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلىشى شەرتكە ئۇيغۇن كەلسە، كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلات ئۆيلۈك يەر ئورۇنلاشتۇرۇشى، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تەستىقلىشى كېرەك.
29 - ماددا ئەر - ئايال ئىككى تەرەپنىڭ ئۆيلىنىشتىن بۇرۇن تېببىي تەكشۈرتۈشىگە ياكى مۇناسىۋەتلىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئۆيلىنىشتىن بۇرۇنقى تېببىي تەكشۈرۈشتە ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك، شارائىتى بار جايلار ئۆيلىنىشكە تىزىملىتىشتىن بۇرۇن تېببىي تەكشۈرتۈشكە قاتناشقانلارغا ئۆيلىنىش دەم ئېلىشىنى ئۇزارتىپ بەرسە ياكى باشقا جەھەتتىن مۇكاپاتلىسا بولىدۇ.
30 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئائىلە زۇلمىغا قارشى تۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەر يىلى بىرلەشمە يىغىن ئېچىپ، ئائىلە زۇلمىغا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلىشى كېرەك.
ئاياللار بىرلەشمىسى ئائىلە زۇلمىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ئاياللارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئۇلارغا قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنى باھالاپ بېكىتىش، ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش ۋە دەۋا قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.
يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى، كوچا باشقارمىسى ئائىلە زۇلمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇشنى دائىرىلەپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، ئائىلىدىكى زىددىيەت - ماجىرالارنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈگىتىشنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، ئائىلە زۇلمى قىلمىشىنى دوكلات قىلىشى، نەسىھەت قىلىپ توسۇشى، نۇقتىلىق ئىز قوغلىشى ھەمدە ساقچىغا مەلۇم قىلىشقا ھەمكارلىشىشى ياكى باشقا شەكىلدە ياردەم بېرىشى كېرەك.
31 - ماددا ھاياتلىق ھوقۇقى، بەدەن ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقى چېقىلىشقا ئۇچرىغان ياكى كېسەل، تۇغۇت، ئاپەت قاتارلىق خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغان ئاياللارنى گۇڭئەن، ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى، خەلق ئىشلىرى قاتارلىق تارماقلار، ئاياللار بىرلەشمىسى، داۋالاش ئاپپاراتى قاتارلىقلار ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن قۇتقۇزۇش مەجبۇرىيىتى بار شەخسلەر ۋاقتىدا قۇتقۇزۇشى، قانۇن بويىچە ۋاقىتلىق پاناھلاندۇرۇشى ياكى باشقا زۆرۈر ياردەم بېرىشى كېرەك.
ئاياللار تاسادىپىي ئېغىر كېسەل، تەبىئىي ئاپەت قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالسا، بەلگىلىمە بويىچە ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، شەرتكە ئۇيغۇن كەلسە، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار قانۇن بويىچە قۇتقۇزۇشى كېرەك.
ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق بايلىق توپلاپ، جورىسىز ئانىلار، يالغۇز پەرزەنتتىن ئايرىلغان ئانىلار، مېيىپ ئاياللار، يېزىلاردىكى ئۆيدە قالغان ئاياللار قاتارلىق تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار ئاياللارنى قۇتقۇزۇشى، يار - يۆلەك بولۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.
32 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھوقۇق - مەنپەئىتى دەخلى - تەرۇزگە ئۇچرىغان، روھىي زەربىگە ئۇچرىغان ئاياللارغا ھەقسىز مەسلىھەت بېرىش، يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق پىسخىكىلىق مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مۇۋاپىق ئۇسۇل ئارقىلىق، پىسخىكا ساغلاملىقى مۇلازىمەت ئاپپاراتى، ئائىلە تەربىيەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمەت ئاپپاراتى قاتارلىق كەسپىي جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ پىسخىكىلىق يېتەكلەش، ئائىلە مۇناسىۋىتىگە يېتەكچىلىك قىلىش، قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق كەسپىي مۇلازىمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىشى كېرەك.
33 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرىدىن ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىدە ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان بولسا، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
34 - ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك باشقا قىلمىشلارغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ.
35 - ماددا بۇ نىزام 2025 - يىلى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاياللارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» بىرلا ۋاقىتتا بىكار قىلىنىدۇ.
(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن - نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)